بەششار ئەسەد كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇملىرىدا نۇرغۇن پۇقرا ئۆلدى

سۈرىيەدە بەششار ئەسەد كۈچلىرى بىلەن رۇسىيەگە ئائىت ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ « سۈركىلىشنى ئازايتىش رايونى» نى بومباردىمان قىلىشى نەتىجىسىدە 4 پۇقرا جېنىدىن ئايرىلدى.

1354238
بەششار ئەسەد كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇملىرىدا نۇرغۇن پۇقرا ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆكتىچىلەرگە ئائىت ئايروپىلان كۆزىتىش ئورگىنىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رۇسىيەگە ئائىت ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئىدلىب شەھەر مەركىزىنىڭ ئەتراپى، سەراقىب ناھىيەسى ئەترپىدىكى سەرمىن، قۇمەيناس، مۇھسىن، تەفتەناش ۋە كەراتىن يېزىلىرىنى، بەششار ئەسەد كۈچلىرىگە ئائىت ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بولسا سەراقىب ناھىيەسىم سەرمىن رايونى، تەلھىييە ۋە ئافەس يېزىلىرىنى بومباردىمان قىلغان.

پۇقراۋى قوغدىنىش مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رۇسىيەنىڭ ئىدلىب شەھەر مەركىزى ئەتراپىدىكى ھۇجۇمىدا 3، بەششار ئەسەد كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇمىدا بىر بولۇپ، جەمئىي 4 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر