جەنۇبىي كورېيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى ئاشماقتا

جەنۇبىي كورېيەدە يەنە ئىككى كىشىدە ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ بايقىلىشى بىلەن، دۆلەت مىقياسىدىكى ئومۇمىي يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 18 گە يەتتى.

1353909
جەنۇبىي كورېيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى ئاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يونھاپ خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جەنۇبىي كورېيە كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزىي تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، بىرسى سىنگاپوردىن كەلگەن 2 كىشىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى بايقالغان ۋە شۇنىڭ بىلەن دۆلەت مىقياسىدىكى يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 18 گە ئۆرلىگەن.

باياناتتا، مەزكۇر يۇقۇملانغۇچىلاردىن 38 ياشلىق جەنۇبىي كورېيە پۇقراسىنىڭ مۇشۇ يېقىندا سودا مۇناسىۋىتى بىلەن سىنگاپورغا بارغانلىقى ۋە سىنگاپوردا يۇقۇملانغان بىر مالايشىيالىقتىن ۋىرۇسنى يۇقتۇرۇۋالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ۋىرۇس بايقالغان 21 ياشلىق يەنە بىر جەنۇبىي كورېيە پۇقراسىنىڭ بولسا، جەنۇبىي كورېيەدە يۇقۇملانغان 16 - كېسەلنىڭ قىزى ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ھۆكۈمەت ۋىرۇسنىڭ خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار ئارقىلىق تارقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇنىۋېرسىتېتلاردا مارت ئېيىنىڭ بېشىدىكى ئوقۇش باشلاش ۋاقىتىنى كېچىكتۈرۈش چاقىرىقى ئېلان قىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر