ب د ت ئىدلىبقا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى ئەۋەتتى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرىگە 33 يۈك ئاپتوموبىللىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى ئەۋەتتى.
1353048
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىگىلىنىشىچە، تۈركىيەنىڭ خاتاي ۋىلايىتىنىڭ رەيھانلى ناھىيەسىگە جايلاشقان «<جىلۋەگۆزۈ> چېگرا ئېغىزى» دىن ئۆتكەن 33 يۈك ئاپتوموبىلىدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى ئىدلىب شەھىرى ۋە ئىدلىبنىڭ ھەرقايسى يېزا - قىشلاقلىرىدىكى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە تارقىتىپ بېرىلىدىكەن.