ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلدى

ئەنگلىيە 1973 – يىلى ئەزا بولغان ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلدى.

1351253
ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلدى
ingiltere brexit1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسون بۇ ھەقتە سۆزلىگەن تېلېۋىزىيە نۇتىقىدا مۇنداق دېدى: «31 – يانۋار سائەت 23 تە (ئەنقەرە ۋاقتى 1 – فېۋرال سائەت 2 دە) ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلدى. بۇ كېچە توغرۇلۇق تەكىتلەشكە تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم نۇقتا شۇكى، دۆلىتىمىزنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشى خاتىمە ئەمەس، ئەكسىچە باشلانغۇچتۇر. راستىنى ئېيتقاندا، بۇ مىللىي جەھەتتىن يېڭىلىق ۋە تەرەققىيات زامانىدۇر، يېڭى بىر دۋەرنىڭ مۇقەددىمىسىدۇر.»

ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشىدىن كېيىن ئەنگلىيەدىكى ھەرقايسى ئورۇنلاردىكى ياۋروپا ئىتتىپاقى بايرىقى چۈشۈرۈۋېتىلدى، ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش باسقۇچىنى باشقۇرۇشى ئۈچۈن قۇرۇلغان مىنىستىرلىق بىكار قىلىندى،ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئۇچۇر – ئالاقىسىمۇ ئۈزۈلدى،  ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئەزالىق سالاھىيىتىمۇ ئاخىرلاشتى.

ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزالىقىنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن تەڭ، يېڭى ئۆتكۈنچى باسقۇچ باشلاندى. بۇ جەرياندا، ئەنگلىيە سودىنى  ئۆز ئىچىگە ئالغان بىخەتەرلىك، سەھىيە ۋە قاتناش قاتارلىق ساھەلەردە بىردەكلىك ھاسىل قىلىش ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن  سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ.

ئەنگلىيە 30 – ئىيۇلغىچە ئىلتتىماس سۇنغان تەقدىردە، ئۆتكۈنچى باسقۇچنىڭ مۇددىتى يەنە ئىككى يىل ئۇزارتىلىدۇ. بىراق جونسون ھۆكۈمىتى بۇ باسقۇچنىڭ ئۇزارتىلمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر