ياۋروپا پۇقرالىرىنى خىتايدىن قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن تەييارلاندى

ياۋروپا ۋۇخەن شەھىرىدە ئوتتۇرىغا چىققان ۋە پۈتكۈل دۇنيانى ساراسىمگە سالغان ۋۇخەن ۋىرۇسى (يېڭى تىپلىق كورونا ۋىرۇسى)،(يېڭى تىپلىق تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى)سەۋەبىدىن تەخمىنەن 600 پۇقراسىنى خىتايدىن قايتۇرۇپ كېلىش تەييارلىقلىرىنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1349873
ياۋروپا پۇقرالىرىنى خىتايدىن قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن تەييارلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى كىرىزىسنى باشقۇرۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىملىرىدىن يانېز جېنىرچىك (Janez Lenarcic) بىلەن سەھىيە ۋە يېمەك-ئىچمەك بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل خادىملىرىدىن ستېللا كىرىياكىدېس (Stella Kyriakides)، بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلەنگەن خىزمەتلەر ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ستېللا كىرىياكىدېس ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا كوردىناتسىيە ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ، ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ تېپىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «ۋىرۇسنىڭ مۇرەككەپ ۋە دائىم ئۆزگىرىدىغان» خۇسۇسىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقلىرىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا تەييار ئىكەنلىكىنى ۋە تەلەپ قىلىنغان ئەھۋالدا باشقا دۆلەتلەرنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەپ، ياردەم قىلىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

يانېز جېنىرچىك مۇنداق دېدى:

«خىتايدا تۇرۇۋاتقان تەخمىنەن 600 ياۋروپا ئىتتىپاقى پۇقراسى قايتىشنى خالايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى. ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇلارنىڭ قايتۇرۇپ كېلىنىشى ئۈچۈن زۆرۈر ياردەملەرنى قىلىدۇ ۋە كوردىناتسىيە رولىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.»

ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ دائىرىدە قايتۇرۇپ كېلىش چىقىمىنىڭ %75 نى كۆتۈرۈش مۇمكىنلىكىنى، خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىقنىڭ ياخشى شەكىلدە داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر