ۋۇخەن ۋىرۇسى پۈتۈن دۇنياغا تارقىماقتا

خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە ئوتتۇرىغا چىققان يېڭى تىپلىق تاجسىمان ۋىرۇس دۇنياغا تارقاشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

1350053
ۋۇخەن ۋىرۇسى پۈتۈن دۇنياغا تارقىماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋۇخەندىن قايتۇرۇپ كېلىنگەن 201 ئامېرىكا پۇقراسىمۇ كالىفورنىيەدە كارانتىناغا ئېلىندى.

خىتاي ھۆكۈمىتى يۇقۇملۇق ۋىرۇسنىڭ كەڭ تارقىلىپ كېتشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن 55 مىليونغا يېقىن كىشىنى كارانتىناغا ئالدى. بىراق ئۆلگەنلەرنىڭ سانى بارغانسىرى ئاشماقتا. 

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باش دىرىكتورى تېدروس ئادھانوم ۋىرۇسنىڭ گېرمانىيە، ۋېيېتنام ۋە ياپونىيەدە ئىنساندىن ئىنسانغا يۇققانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

تېدروس ئادھانوم ۋىرۇسنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن قۇرۇلغان بىر ئەترەتنىڭ خىتايغا ماڭىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

بۇ ئارىلىقتا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ جىددىي ھالەت كومىتېتى، يەر شارى خاراكتېرلىق جىددىي ھالەت ئېلان قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرىلىشىش ئۈچۈن يىغىن چاقىرىدىغان بولدى.

برىتانىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ۋە لوفتھانسا ھاۋا يوللىرى شىركىتى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ھاۋا يوللىرى شىركەتلىرى خىتايغا قاتناشنى توختاتتى. ئاخىرىدا كانادا ھاۋا يوللىرى شىركىتىمۇ بېيجىڭ ۋە شاڭخەي قاتارلىق بارلىق خىتايغا ئۇچۇش پىلانلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇردى.

يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي ئىقتىساد مىنىستىرلىقى يوقۇملۇق كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن 3 مىليارد 900 مىليون دوللار فوند ئاجراتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ۋىرۇسقا قارشى ۋاكسىن ئىشلەپچىقىرىش تىرىشچانلىقلىرىمۇ داۋاملاشماقتا.

ۋاكسىننىڭ تەييار ھالغا كېلىشى ئۈچۈن بەك بالدۇر بولغاندىمۇ بىر يېرىم ئاي ۋاقىت كېتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

ۋاكسىن ئىشلەچقىرىش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان ئاۋستىرالىيە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ئىنسىتېتۇتى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ خىتايدىن قالسىلا تۈنجى قېتىم ئۆز لابوراتورىيەسىدە ئىشلەپچىقىرىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ھازىر بەزى دورىلارنىڭ كورونا ۋىرۇسى ئۈچۈن ئىشلىتىلۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئىشلەپچىقىرىلغان دورىلارنىڭ بۇ ۋىرۇس بىلەن ياللۇغلانغان بارلىق كسەللەرگە ئىشلىتىلىشى ئۈچۈن ھەق تەلەپ قىلىش رەسمىيەت باسقۇچىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.

ھازىر دۇنيا بويىچە بۇ ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش نىسبىتى تۆۋەندىكىچە؛

تايلاندا 14، ياپونىيەدە 11، سىنگاپوردا 10، مالايشىيادا 7، ئاۋسترالىيەدە 7، فىرانسىيەدە 5، ئامېرىكادا 5، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە 4، جەنۇبىي كورېيەدە 4، گېرمانىيەدە 4، كانادا 3، ۋېيېنتاندا 2، نېپالدا 1، كابودژادا 1، سىرىلانكادا 1، فىنلاندىيەدە 1. 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر