فىنلاندىيەدە تۇنجى تاجىسىمان ۋىرۇس بايقالدى
فىنلاندىيەدە خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە ئوتتۇرىغا چىققان ۋە تارقىلىشچان يۇقۇملۇق كېسەلگە ئايلىنىپ كەتكەن تاجىسىمان ۋىرۇس بايقالدى.
1350323
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىنلاندىيە سەھىيە دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋۇخەندىن 5 كۈن ئىلگىرى ئايرىلىپ فىنلاندىيەگە كەلگەن 32 ياشلىق بىر خىتاي ئايالنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلغان بولۇپ، بىمار روۋانېمى شەھىرىدىكى بىر دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.