باغدادتىكى نامايىش جەريانىدا ساقچىلار بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
كىملكى نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن قىلىنغان بومبا ھۇجۇمىدا 2 ساقچىنىڭ يارىدار بولغانلىقى قەيت قىلىندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتىكى نامايىش جەريانىدا ساقچىلارنىڭ تۇرۇشلۇق جايغا كىملىكى نامەلۇم كشىلەرنىڭ يەرلىك ئۇسۇلدا ياسىۋالغان بومبىلارنى ئاتقانلىقى، ۋەقەدە 2 ساقچىنىڭ يارىدار بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باغداد ھەربىي ھەرىكەت قوماندانلىق ئىشتابىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، پايتەختتىكى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلارنىڭ مەكىزى جايلىرىدىن بىرسى بولغان خىللانى مەيدانىغا يېقىن يەردە، ساقچىلار تۇرۇشلۇق بىر بىنا ئەتراپىغا يەرلىك ئۇسۇلدا ياسىۋىلىنغان بومبىلارنىڭ ئېتىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
كىملكى تېخىچە ئېنىقلانمىغان كىشىلەر تەرىپىدىن قىلىنغان بومبا ھۇجۇمىدا 2 ساقچىنىڭ يارىدار بولغانلىقى قەيت قىلىندى.
باياناتتا، نامايىش مەيدانى ۋە نامايىشچىلارنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تىنچلىقپەرۋەر نامايىشچىلار بىلەن ھەمكارلىشىش چاقىرىقىدا بولغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.