يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇستىن يوقۇملارغا دائىر سانلىق مەلۇماتلار ئېلان قىلىندى

خىتايدا يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس كەلتۈرۈپ چىقارغان يۇقۇملۇق ئۆپكە ياللۇغىغا دۇچار بولۇپ ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 132 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 5974 كە يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1349315
يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇستىن يوقۇملارغا دائىر سانلىق مەلۇماتلار ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي سەھىيە ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، تىبەت ئاپتونوم رايونىدىن باشقا پۈتكۈل خىتاي مىقياسىغا تارقالغان يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىپ ئۆلگەنلەر سانى 132 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 1239 نىڭ ئەھۋالى ئېغىر بولۇپ جەمئىي 5974 كە يەتكەن.

بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ۋىرۇسنى يۇقتۇرۇۋالغان بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىلىۋاتقان ئادەم سانى 9239غا؛ يۇقۇملانغانلار بىلەن ئالاقە ئورناتقانلىقى ئۈچۈن كۆزىتىلىۋاتقانلار سانى 59990 غا يەتكەن.

ھازىرغىچە مەزكۇر ۋىرۇسنى يۇقتۇرۇۋالغانلاردىن 103 ئادەم ساقىيىپ بالنىستتىن چىققان.

يەنە، خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ سىرتىدىكى مەزكۇر ۋىرۇسنى يۇقتۇرۇۋالغانلار سانى خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرى رايوندا 8 گە، ئاۋمىندا 7 گە يەتكەن.

يېڭى تىپتىكى يۇقۇملۇق تاجىسىمان ۋىرۇسنىڭ مەركىزىي نۇقتىسى بولغان خۇبېي ئۆلكىسىدە 3554 ئادەم ۋىرۇس يۇقتۇرۇۋالغان؛ ئۆلگەن 132 ئادەمنىڭ 125 ى خۇبېيدا ئۆلگەن.

خىتاي مىقياسىدىكى يېڭى تىپتىكى يۇقۇملۇق تاجىسىمان ۋىرۇسقا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى دەل ۋاقتىدا نازارەت قىلىش ئورنىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، بۇ ۋىرۇس خىتاينىڭ سىرتىدا تايلاندتا 14، ياپونىيەدە 7، سىنگاپۇردا 5، ئامېرىكىدا 5، ئاۋسترالىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە ۋە جەنۇبىي كورېيەدە 4 تىن، مالايشىيادا 3، ۋىيېتنامدا 2، نېپال، كانادا، كامبودژا ۋە سىرىلانكىدا 1 دىن كىشىدە بايقالغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر