خىتاي چۈشقا يىلىنى تۈگۈتۈپ، چاشقان يىلىغا ۋىرۇس ئاپىتى بىلەن بىرگە قەدەم قويدى

خىتايدا 12 ھايۋانلىق ئەنئەنىۋىي كالىندارى بويىچە چوشقا يىلى ئاخىرىلىشىپ، چاشقان يىلى باشلاندى.

1347239
خىتاي چۈشقا يىلىنى تۈگۈتۈپ، چاشقان يىلىغا ۋىرۇس ئاپىتى بىلەن بىرگە قەدەم قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھەر يىڭى يىل كەلگەندە، بۇتخانىلارغا يۈگرەيدىغان خىتايلار بۇ يىل كوروناۋىرۇسى  (2019-nCoV)  ئاپىتىگە قارشى يولغا قويۇلغان تەدبىرلەر تۈپەيلىدىن بۇتخانىلارغا بارالمىدى.

خىتايدا مىلادىيە كالىندارىدىن باشقا قەمەرىيە كېلىندارى ۋە 12 ھايۋانلىق ئەنئەنىۋىي كاللىندارىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.  خىتايدا قەمەرىيە كالىندارىغا كۆرە يېڭى يىل باشلىنىپ، 12 ھايۋانلىق كالىندارغا كۆرە ئىسىم قويۇلىدۇ.

خىتاي يېڭى يىل (يەنى باھار بايرىمى) غا خۇبېي ئۆلكىسىگە قاراشلىق ۋۇخەن شەھىرىدىن قىسقىغىنە ۋاقىتتا نۇرغۇنلىغان رايونلارغا تارقالغان يېڭى كوروناۋىرۇسى (2019-nCoV)  ئاپىتى بىلەن قەدەم قويدى. يولغا قويۇلغان تەدبىرلەر دائىرىسىدە دىنىي مەركەزلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ پائالىيەتلىرى ئىككىنچى بىر ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىنغانغا قەدەر مەنئىي قىلىندى. 

بۇ تەدبىرلەر دائىرىسىدە، پايتەخت بېيجىڭدىكى مۇھىم بۇتخانىلاردىن بىرسى بولغان لاما بۇتخانىسىمۇ تاقىۋىتىلدى.

يىڭى يىلنىڭ تۈنجى كۈنى قائىدە بويىچە ئىبادەتخانا، باغچا ۋە بۇتخانىلارغا قاراپ ئاقىدىغان خىتاي خەلقى، چاشقان يىلىنىڭ تۈنجى كۈنىدە بۇتخلانىلارغا بارالمىدى. بىراق بەزى خىتايلار بۇتخانىلارنىڭ سىرتىغا توپلىنىپ، پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇردى.

يەنە بىر تەرەپتىن خىتايدىكى بارلىق دىنىي ۋە ئېتىقادىي جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەدبىرلەر دائىرىسىدە، بېيجىڭدىكى جامە ۋە چىركاۋلارنىڭمۇ دەرۋازىلىرىغا، ئىككىنچى بىر ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىنغانغا قەدەر پېچەتلەنگەنلىكىگە دائىر ئېلانلار چاپلاندى. 

بېيجىڭدىكى نىيۇچې جامەسى ۋە ۋاڭفۇجىڭ كوچىسىدىكى چىركاۋغىمۇ مەزكۇر ئېلانلارنىڭ چاپلانغانلىقى كۆرۈلدى. 

خىتاي ئەنئەنىسىدە، چاشقان يىلىدا تۇغۇلغان كىشىلەر تېز ئىنكاس قايتۇرىدىغان، ئوخشاش بولمىغان مۇھىتلارغا ئاسان ماسلىشالايدىغان ۋە سەنئەتكە مايىل بولىدۇ، دەپ قارىلىدۇ.

خىتاينىڭ چاشقان يىلى 2021يىلى 11 - فېۋرالدا ئاخىرىلىشىدۇ.

خىتاي يىڭى يىلى خىتايدىن باشقا يەنە، مالايشىيا، ھېندونېزىيە، تايلاند ۋە ياپونىيە قاتارلىق ئاسيا دۆلەتلىرىدىمۇ تەبرىكلىنىدۇ.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر