پەلەستىن «يۈز يىلنىڭ كېلىشىمى» توغرىسىدا ئالاقىدار تەرەپلەرنى ئاگاھلاندۇردى

پەلەستىن پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى «يۈز يىلنىڭ كېلىشىمى»نىڭ رەت قىلىنغان شەكلى بويىچە ئېلان قىلىنماسلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش باياناتى ئېلان قىلدى.

1346693
پەلەستىن «يۈز يىلنىڭ كېلىشىمى» توغرىسىدا ئالاقىدار تەرەپلەرنى ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى باياناتچىسى نەبىل ئەبۇ رۇدەينە يازما بايانات ئېلان قىلىپ، يۈز يىلنىڭ كېلىشىمى رەت قىلىنغان شەكلى بويىچە ئېلان قىلىنغان تەقدىردە، پەلەستىن دائىرىلىرىنىڭ قانۇنىي ھەق – ھوقۇقلىرىنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشى ئۈچۈن تېگىشلىك قەدەملەرنى تاشلايدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى.

باياناتتا، «بىر ئىشغالچى ھۆكۈمەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىسرائىلىيەدىن قىزىل سىزىقلاردىن ھالقىشنىڭ بارلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشىنى تەلەپ قىلىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

«ئىسرائىلىيە 12» ۋە «ئىسرائىلىيە 13» قاناللىرى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئامېرىكا ئەمەلدارنىڭ سۆزلىرىنى مەنبە قىلغان ھالدا، ئاقساراينىڭ 24 سائەت ئىچىدە يۈز يىلنىڭ كېلىشىمى توغرىسىدا تەپسىلىي بايانات ئېلان قىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغانىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى - ھاماس باياناتچىسى ھازىم قاسىممۇ بۇ ھەقتە يازما بايانات ئېلان قىلىپ، مەزكۇر كېلىشىمگە ئالاقىدار ئۇقتۇرۇشنىڭ ئامېرىكا سايلاملىرىدىن ئىلگىرى ئوتتۇرىغا چىقىرىلىشىنىڭ ھەيران قالارلىق ئىش ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ ئۆتتى.

«بۇ يۈزيىلنىڭ كېلىشىمىنىڭ ماقۇللىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق تىرىشچانلىقلار، خەلقىمىزنىڭ قەددىنى تىك تۇرۇپ تۇرۇشى ۋە قارشىلىقى ئالدىدا پارچىلىنىدۇ» دېگەن قاسىم، پەلەستىن خەلقىنىڭ ئۆز كېلەچىكىنى ئۆزى بەلگىلەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر