ئافغانىستاندا ناتونىڭ ھەرىكىتىدە 10 پۇقرا جېنىدىن ئايرىلغان

ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ناتو قىسىمنىڭ ئافغانىستاننىڭ غەربىگە جايلاشقان ھېرات ۋىلايىتىنىڭ شىندېنت رايونىدا باشلىغان ھاۋا ھەرىكىتىدە، ئالتە ئايال ۋە بىر كىچىك بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 10 پۇقرا جېنىدىن ئايرىلدى.

1345995
ئافغانىستاندا ناتونىڭ ھەرىكىتىدە 10 پۇقرا جېنىدىن ئايرىلغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ناتو قىسىمنىڭ ئافغانىستاننىڭ غەربىگە جايلاشقان ھېرات ۋىلايىتىنىڭ شىندېنت رايونىدا باشلىغان ھاۋا ھەرىكىتىدە، ئالتە ئايال ۋە بىر كىچىك بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 10 پۇقرا جېنىدىن ئايرىلدى.

ئافغانىستان مۇستەقىل كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، 8-يانۋار ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ناتو قىسمىنىڭ شىندېنت رايونىدا تالىبان نۇقتىلىرىغا قىلغان ھاۋا بومباردىمانىدا، 10 پۇقرا جېنىدىن ئايرىلغان، بەش پۇقرا يارىلانغان. جېنىدىن ئايرىلغانلار ئىچىدە، ئۈچ ئايال ۋە ئۈچ كىچىك بالا بار ئىكەن. يارىلانغانلار ئىچىدە بولسا، ئىككى كىچىك بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئەھۋالى ناھايىتى ئېغىر ئىكەن.

ئافغانىستان مۇستەقىل كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى چەت ئەل ۋە يەرلىك ھەربىي كۈچلەرنى، توقۇنۇشلاردا پۇقرالارنىڭ قوغدىلىشىغا ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە ئەھمىيەت بېرىشكە چاقىرىپ، ئافغانىستاندىكى توقۇنۇشلاردا پۇقرالارنىڭ ئۆلۈم-يېتىم ھادىسىلىرىنىڭ ۋە كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلىش ۋەقەلىرىنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلىنىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ب د ت ئافغانىستانغا ياردەم قىلىش كومىتېتى، 10 يىل ئىچىدە ئافغانىستاندا 100 مىڭدىن ئارتۇق پۇقرانىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ياكى يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر