فىرانسىيەدە تېررورلۇق ھۇجۇمىغا تەييارلىق قىلىۋاتقان 7 كىشى نازارەتكە ئېلىندى

فىرانسىيەنىڭ برېست شەھىرىدە تېررورلۇق ھۇجۇمى تەييارلىقىدا ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان 7 كىشى نازارەتكە ئېلىندى.

1344479
فىرانسىيەدە تېررورلۇق ھۇجۇمىغا تەييارلىق قىلىۋاتقان 7 كىشى نازارەتكە ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: فىرانسىيە مەتبۇئاتلىرىدا چىققان خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، برېست شەھىرىدە تېررورلۇق ھۇجۇمى تەييارلىقىدا ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان 28 ۋە 38 ياشلار ئارىسىدا جەمئىي 7 گۇماندار ئىچكى ئىستىخبارات ئەترىتى تەرىپىدىن نازارەتكە ئېلىنغان.

نازارەتكە ئېلىنغان گۇماندارلارنىڭ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، ئىراق ۋە سۇرىيەگە كېتىشنىمۇ پىلانلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

برېست شەھىرىدە 2019يىلى 27ئىيۇندا بىر جامەنىڭ ئالدىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا بىر ئىمام بىلەن يەنە بىر كىشى يارىدار بولغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر