ترامپنى سوتلاش باسقۇچى باشلاندى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنى سوتلاش باسقۇچى باشلاندى.

1342708
ترامپنى سوتلاش باسقۇچى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋام پالاتاسى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان ترامپنى ۋەزىپىسىدن قالدۇرۇشقا ئالاقىدار  ئىككى قارارنامە، بۇنىڭدىن كېيىنكى باسقۇچتا تەپتىش مەھكىمىسى  ۋەزىپىسى ئۆتەيدىغان ئاۋام پالاتاسى ئەزالىرى تەرىپىدىن پالاتاغا سۇنۇلدى.

ئاۋام پالاتاسى باشلىقى نانسى پېلوسى تەرىپىدىن تۈنۈگۈن ئېلان قىلىنغان ۋە مەسئۇللۇق ۋەزەىپىسىنى ئاخبارات ئىشلىرى كومىتېتىىنىڭ باشلىقى ئادەم سچىف ئۆز ئۈستىگە ئالغان 7 كىىشلىك تەپتىش ۋەكىللىرىدىن تەشكىل تاپقان ھەيئەت، پالاتا بىناسىغا بېرىپ، بۇ مەسىلىگە ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنغا تاپشۇرۇپ بەردى، ئاندىن ترامپقا قارىتىلغان ئەيىبلەشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 9 بەتلىك قارارنامىنى ئوقۇدى.

پالاتادىكى سوتلاش ئىشلىرىغا رىياسەتچىلىك قىلغان ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جون روبېرتس، پالاتا ئومۇمىي كېڭىشىدە قەسەم ئىچىپ «ترامپنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش ئىشلىرى مەھكىمىسى» نىڭ باشلىقى بولدى.

روبېرتنىڭ كۆزىتىشى ئاستىدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان تۇنجى ئولتۇرۇشتا، بۇنىڭدىن كېيىنكى باسقۇچتا ھەيئەت ئەزاسى سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتەيدىغان 100 پالاتا ئەزاسى ئاۋۋال ئاممىۋى ھالدا قەسەم ئىچتى، ئاندىن مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتكە بىر – بىرلەپ ئىمزا قويۇپ، ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىدى.

روبېرتس،  بۇ ھەقتىكى رەسمىيەتلەرنىڭ تاماملىنىشىدىن كېيىن « ترامپنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش ئىشلىرى مەھكىمىسى» گە ئايلانغان پالاتا ئومۇمىي كېڭىشى ئولتۇرۇشىنىڭ 21 – يانۋار سەيشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن شۇ جاي ۋاقتى سائەت 13 تە ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

 21 – يانۋاردىكى ئولتۇرۇشتا، جاۋابكار ۋە دەۋاگەرلەرنىڭ پىكىر بايان قىلىشى كۈتۈلمەكتە. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا 3 – فېۋرال كۈنى لوۋا ئىشتاتىدا تەييارلىق سايلاملىرى باشلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن، پالاتادىكى ئولتۇرۇشلارنىڭ بىرقانچە ھەپتە ئىچىدە تاماملىنىشى ۋە پالاتادىكى كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ قوللىشى ئاستىدا ترامپنىڭ ئاقىلىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

پولېسى، 2019 – يىلى 24 – سېنتەبىر كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ مىللىي بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزگەنلىكى ۋە پىرېزىدېنتلىق قەسىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى» سەۋەبلىك ترامپنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشقا ئالاقىدار تەكشۈرۈشنىڭ باشلانغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر