ئامېرىكا ھەربىي بازىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتا ئامېرىكا ھەربىي بازىسى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.
1340877
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق بىخەتەرلىك ئاخبارات ئورگىنى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، باغدادتا ئامېرىكا ئەسكەرلىرى تۇرۇۋاتقان «<تاجى> ھەربىي بازىسى» باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، ھۇجۇمدا، ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن.