رۇھانى: ئايروپىلاننى چۈشۈرۈۋېتىش كەچۈرۈشكە بولمايدىغان خاتالىقتۇر

ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى، ئۇكرائىنا ھاۋا يوللىرى شىركىتى يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ئىران ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى تەرىپىدىن چۈشۈرۈۋېتىلىشىنىڭ «كەچۈرۈشكە بولمايدىغان خاتالىق ئىكەنلىكى»نى بىلدۈردى.

1340575
رۇھانى: ئايروپىلاننى چۈشۈرۈۋېتىش كەچۈرۈشكە بولمايدىغان خاتالىقتۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى، ئۇكرائىنا ھاۋا يوللىرى شىركىتى يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ئىران ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى تەرىپىدىن چۈشۈرۈۋېتىلىشىنىڭ «كەچۈرۈشكە بولمايدىغان خاتالىق ئىكەنلىكى»نى بىلدۈرۈپ، بۇ مەسىلىنى يېقىندىن كۆزىتىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇھانى تېھراندا سۆز قىلىپ، «ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كېتىشىدە بىر بىنورماللىق بار دەپ ئويلاپ، ئايروپىلاننىڭ قانداق چۈشۈپ كەتكەنلىكىگە دائىر تەكشۈرۈشنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە نەتىجىلەندۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلدىم. كەچۈرۈشكە بولمايدىغان بىر خاتالىق بارلىقى ئوتتۇرىغا چىققاندا بولسا، بۇ ھەقتە دەرھال جامائەتچىلىككە مەلۇمات بېرىش توغرىسىدا يوليورۇق چۈشۈردۇم» دېدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ۋەدە قىلىمەنكى، ھۆكۈمەت بۇ مەسىلىنىڭ ئايدىڭلىتىشىنى يېقىندىن كۆزىتىدۇ. ئەدلىيە باشقارمىسى، يۇقىرى دەرىجىلىك بىر سودىيەنىڭ باشچىلىقىدا بىر ئالاھىدە سوت مەھكىمىسى قۇرۇشى كېرەك. بۇ، ئادەتتىكى بىر دېلو ئەمەس ۋە پۈتكۈل دۇنيانىڭ نەزىرى بۇ مەھكىمىنىڭ ئۈستىدە بولىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

8 – يانۋاردا تېھران ئىمام ھۇسەيىن خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدىن ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى كىئېۋغا قاراپ يولغا چىققان ئۇكرائىنا ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ بويېڭ 737 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى قوزغىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا چۈشۈپ كېتىپ، ئايروپىلاندىكى 176 ئادەم جېنىدىن ئايرىلغانىدى.

ئايروپىلاننىڭ ئىران ئارمىيەسى تەرىپىدىن بومبا ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلگەنلىكى توغرىسىدىكى قاراشلارنى رەت قىلغان تېھران دائىرىلىرى، ۋەقە يۈز بېرىپ 3 كۈن ئۆتكەندىن كېيىن يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ «كرۇز (سەير) بومبىسى» دەپ قارىلىپ، قىسقا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن سەۋەنلىك بىلەن چۈشۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر