تۈركىيەنىڭ چاقىرىقى  لىۋىيەدە ئىجابىي ئۈنۈم بىلەن نەتىجىلەندى

تۈركىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ «ئۇرۇش توختىتىش» چاقىرىقى لىۋىيەدە ئىجابىي ئۈنۈم بىلەن نەتىجىلەندى.

1339089
تۈركىيەنىڭ چاقىرىقى  لىۋىيەدە ئىجابىي ئۈنۈم بىلەن نەتىجىلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيەنىڭ شەرقىدىكى ھەربىي ئىسيانچى رەھبەر خەلىفە ھەفتەرگە قاراشلىق كۈچلەر ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقىنى قوبۇل قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇرۇش توختىتىش شۇ جاي ۋاقتى 12 – يانۋار سائەت نۆلدە، ئەنقەرە ۋاقتى سائەت 1 دە باشلاندى.

ھەفتەرگە قاراشلىق كۈچلەرنىڭ باياناتچىسى ئەھمەد ئەلمىسمارى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، لىۋيەنىڭ غەربىدىكى «ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە ئالاقىدار ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقىنى قوبۇل قىلغانلىقلىرىنى»، بىراق قارشى تەرەپ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلغان تەقدىردە، بۇنىڭغا تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

يېقىنقى 48 سائەت ئىچىدە توقۇنۇش ئاۋازلىرى ئاڭلىنىۋاتقان پايتەخت، ئۇرۇش توختىتىشتىن كېيىن جىمجىتلىققا چۆمدى.

ئۇرۇش توختىتىش پايتەخت تراربلۇستا ئېتىلداقلار ئارقىلىق تەربىكلەندى.

لىۋىيەنىڭ خەلقئارا  جەمئىيەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىۋاتقان مىللىي كېڭەش ھۆكۈمىتى قاتناش ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، ھەفتەرنىڭ ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن پايتەخت ترابلۇسنىڭ دۇنياغا ئېچىلىدىغان بىردىنبىر ئېغىزى ھېسابلىنىدىغان «مىتىگا ئايرودۇرۇمى» نىڭ قايتىدىن ئېچىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان لىۋىيە مەسىلىسىدە قويۇق دىپلوماتىك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىتالىيە باش مىنىستىرى گىئۇسېپپې كونتې، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: « ھەفتەر كۈچلىرى ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقىنى قوبۇل قىلدى. بۇ، كىرىزىسنى سىياسىي يوللار ئارقىلىق يولىدا تاشلانغان مۇھىم بىر قەدەم ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھەقتە بېسىشقا تېگىشلىك مۇساپە خېلىلا ئۇزۇن، ئەمما يۆنىلىش توغرا.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر