سۈرىيەگە ياردەم يوللىنىدىغان چېگرا ئېغىزلىرىنىڭ يېرىمى تاقىۋىتىلدى

سۈرىيەگە ئىنسانىي ياردەم ئەۋەتىلىۋاتقان تاموژنا ئېغىزلىرىنىڭ سانى 4 تىن 2 گە قىسقارتىلدى.

1338860
سۈرىيەگە ياردەم يوللىنىدىغان چېگرا ئېغىزلىرىنىڭ يېرىمى تاقىۋىتىلدى
bmgk.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) خەۋپسىزلىك كېڭىشى، سۈرىيەگە چېگرا ھالقىپ ياردەم قىلىشقا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەن قارارىنىڭ مۇددىتىنىڭ توشۇشىغا بىر قانچە سائەتلا قالغاندا، ياردەم مېخانىزملىرىنىڭ مۇددىتىنى يەنە 6 ئاي ئۇزارتتى.

قارار رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ئاۋاز قاتناشتۇرۇشتىن ۋاز كېچىشى بىلەن قوبۇل قىلىندى، بىراق تاموژنا ئېغىزلىرى سانىنىڭ قىسقارتىلىشىدىن نارازى بولغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئەنگلىيە بۇ مەسىلىدە بېلەت تاشلاشتىن ۋاز كەچتى؛ قارارنى 11 دۆلەت قوللىدى.

گېرمانىيە بىلەن بېلگىيە تەرىپىدىن تەييارلانغان قارار لايىھەسى رۇسىيەنىڭ ئېتىرازلىرى ۋە رەت قىلىش ھوقۇقىنى ئىشقا سالىدىغانلىقى توغرىسىدىكى تەھدىتلىرىدىن كېيىن، سۈرىيەگە ئىنسانىي ياردەم يوللىنىدىغان چېگرا ئېغىزلىرىنىڭ يېرىمى تاقىۋېتىلدى.

2014 – يىلىدىن بۇيان ھەر يىلى 12 ئايدىن ئۇزارتىلىپ كەلگەن ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشى قارارىنىڭ مۇددىتى بۇ قېتىم 6 ئاي ئۇزارتىلدى.

بۇنىڭدىن بۇرۇن ئىككىسى تۈركىيەدىن بولۇپ جەمئىي 4 چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق قىلىنىپ كەلگەن ئىنسانىي ياردەملەر بۇنىڭدىن كېيىن پەقەت ئىككى چېگرا ئېغىزى ئارقىلىقلا ئەۋەتىلىدۇ. قارارنىڭ روھىغا ئاساسەن، ياردەملەر تۈركىيە بىلەن بولغان بابۇسسەلامە ۋە بابۇلھاۋا تاموژنا ئېغىزلىرىدىن پايدىلىنىپ ئەۋەتىلىدۇ.

سۈرىيە بىلەن ئىيوردانىيە ئارىسىدىكى ئەررەمسە تاموژنا ئېغىزى بىلەن ئىراق – سۈرىيە چېگراسىدىكى ئەليارۇبىييە تاموژنا ئېغىزىدىن بۇنىڭدىن كېيىن ياردەم ئەشيالىرى ئەۋەتىلمەيدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر