ترامپ: ئىراننىڭ ئامېرىكا ھەربىي بازىلىرىغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا ھېچكىم ئۆلمىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىراننىڭ ئىراقتىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىلىرىغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكىنى ئېيتتى.

1337347
ترامپ: ئىراننىڭ ئامېرىكا ھەربىي بازىلىرىغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا ھېچكىم ئۆلمىدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ترامپ پايتەخت ۋاشىنگتوندا، ئىران  - ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش ھەققىدە ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى مۇنداق دېدى: « گېنېرال قاسىم سۇلايمانىنىڭ ئىلگىرىلا ئۆلتۈرۈلۈشى كېرەك ئىدى. ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى ئارقىلىق ئىرانغا ناھايىتى ئوچۇق – ئاشكارا ھالدا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلدى. ئىران ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن <يادرو كېلىشىمى> ھاسىل قىلغاندىن كېيىن خۇدىنى يوقاتقانىدى. دەرۋەقە، ئىران ئەمدى يادرو نىشانلىرىدىن ۋاز كېچىشى لازىم. گېرمانىيە، فىرانسىيە ۋە خىتايغا ئوخشىغان دۆلەتلەرمۇ بۇنىڭدىن كېيىن تېھران ھۆكۈمىتىگە ياردەم بېرىشنى توختىتىشى كېرەك. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنى بۇنىڭدىن كېيىن ئوتتۇرا شەرقتە تېخىمۇ كۆپ ھەربىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشقا چاقىرىمەن.  شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش سىستېمىسى سايىسىدا، ئىراننىڭ ئىراقتىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىلىرىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا ھېچقانداق ئىراقلىق ياكى ئامېرىكىلىق ئۆلمىدى، ناھايىتى ئاز ماددىي زىيان كۆرۈلدى.»

ئۇ يەنە، ئىرانغا يېڭى ئىقتىسادىي ئېمبارگولارنى يۈرگۈزىدىغانلىقلىرىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى..

گېنېرال قاسىم سۇلايمانىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھەربىي ھەرىكىتى نەتىجىسىدە ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتا ئۆلتۈرۈلۈشىدىن كېيىن، ئىران ئىنتىقام ئېلىش مەقسىتىدە بۈگۈن يەنە ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىكى ئەلئەسەد ۋە ئەربىل ھەربىي بازىلىرىغا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىنى ئېلىپ بارغانىدى.

ئىران دۆلەتلىك تېلېۋىزىيەسى، ھۇجۇملاردا 80 ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر