ئىران ئۇكرائىنانىڭ يولۇچى ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى رەت قىلدى

ئۇكرائىنا ھاۋا يوللىرى شىركىتىگە تەۋە «Boeing 737» تىپلىق يولۇچى ئايروپىلانى ھەققىدە «ئىران باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ئېتىپ چۈشۈردى» دېگەن خەۋەرلەر تارقالغان ئىدى.

1336757
ئىران ئۇكرائىنانىڭ يولۇچى ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران قاتناش ۋە شەھەر قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى ئۇچۇر ئالاقىدە مەركىزى باشلىقى قاسىم بىنىياز پايتەخت تېھراندا چۈشۈپ كەتكەن يولۇچى ئايروپلاننى «ئىران باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ئېتىپ چۈشۈردى» دېگەن خەۋەرلەرنىڭ يالغانلىقىنى بىلدۈردى.

قاسىم بىنىياز ئىران رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «IRNA» دا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۇكرائىنا ھاۋا يوللىرى شىركىتىگە تەۋە «Boeing 737» تىپلىق يولۇچى ئايروپىلاننىڭ موتورىغا ئوت كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئايروپىلاننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىگە دائىر خەۋەرلەرنىڭ يالغانلىقىنى تىلغا ئالغان بىنىياز، «ئەگەر ئايروپىلانغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەكگەن بولسا ئىدى، ھاۋادىلا پارتلىغان بولاتتى، بىراق ۋەقە موتورغا ئوت كېتىش ۋە ئۇچقۇچىنىڭ كونتىروللۇقىنى يوقۇتۇپ قويۇشى بىلەن يۈز بەرگەن» دېدى.

ئىران جىددىي ياردەم ئىدارىسى باشلىقى پىر ھۇسەيىن قۇلىۋەند ئايروپىلاندىكىلەردىن 147 كىشىنىڭ ئىران پۇقراسى، قالغانلىرىنىڭ باشقا دۆلەت پۇقرالىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

تېھران كىرىزىس باشقۇرۇش ئورگىنى مۇدىرى مەنسۇر دەرەجاتىمۇ ئايروپىلاننىڭ قارا قۇتۇسىنىڭ تېپىلغانلىقىنى ۋە بىخەتەرلىك خادىملىرىغا تاپشۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى. 

بۈگۈن ئەتىگەندە تېھران ئىمام خۇمەينى ئايرودورۇمىدىن ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى كېۋگە قاراپ ئۇچقان «Boeing 737» تىپلىق يولۇچى ئايروپىلانى قىسقىغىنە ۋاقىتتىن كېيىن چۈشۈپ كەتكەن ۋە ئايروپىلاندىكى يولۇچىلار بىلەن خادىملارنىڭ ھەممىسى قازا قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر