ئامېرىكا قىسىملىرىنى ئىراقتىن قوغلاپ چىقىرىش قارارى ئامېرىكا ئەلچىسىگە يەتكۈزۈلدى

ئىراق باش مىنىستىرى ئادىل ئابدۇلمەھدى ئامېرىكا باش ئەلچىسى ماتتېۋ تۇللېرگە ئىراقتىكى چەت ئەل قىسىملىرىنىڭ چىقىپ كېتىشىگە دائىر قارارىنى يەتكۈزدى.

1335845
ئامېرىكا قىسىملىرىنى ئىراقتىن قوغلاپ چىقىرىش قارارى ئامېرىكا ئەلچىسىگە يەتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتقا ئاساسلانغاندا، باش مىنىستىر ئابدۇلمەھدى ئامېرىكا ئەلچىسى تۇللېر بىلەن باغداتتىكى ئىشخانىسىدا كۆرۈشكەن ۋە ئۇچرىشىشتا كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەر شۇنداقلا ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ پوزىتسىيەسىگە ئالاقىدار تېمىلار مۇزاكىرە قىلىنغان.

باش مىنىستىر ئابدۇلمەھدى ئىراق پارلامېنتىنىڭ قارارىغا بىنائەن چەت ئەل قىسىملىرىنىڭ دۆلەتتىن چىقىپ كېتىشى كېرەكلىكىنى ۋە ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ ساغلام بىر ئاساسقا ئىگە قىلىنىشى ئۈچۈن ئورتاق خىزمەتلەرنى ئىشلەش كېرەكلىكىنى ئۇقتۇرغان.

باش مىنىستىر ئابدۇلمەھدى نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىكى ۋە ئېھتىمالى كۈچلۈك تەسىرلىرى تەرەپكە ئىما قىلىپ، ئۇچۇق بىر ئۇرۇشقا ئىتتىرىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىراقنىڭ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئابدۇلمەھدى يەنە، ئىراقنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ھەمكارلىق، ئۆزئارا ھۆرمەت، بىخەتەرلىك، مۇقىملىق ۋە دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداشنى ئاساس قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان.

ئىراق پارلامېنتى يەكشەنبە كۈنى ئامېرىكا قىسىملىرىنى ئىراقتىن قوغلاپ چىقىرىش قارارى ماقۇللىغان ۋە بۇ قارارنى ئىجرا قىلىش ۋەزىپىسىنى ھۆكۈمەتكە تاپشۇرغان ئىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىراق پارلامېنتىنىڭ ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئىراقتىن چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلغان مەزكۇر قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، «ئىراق دۆلىتىدىن چىقىپ كېتىشىمىزنى خالايدىغان بولسا ۋە بۇنى دوستانە بىر شەكىلدە قىلمايدىغان بولسا، ئۇلارغا بۇنىڭدىن ئىلگىرى ھېچ كۆرۈپ باقمىغان ئېغىر ئېمبارگولارنى يولغا قويىمىزكى، ئىرانغا يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگولار بۇنىڭ ئالدىدا تولىمۇ ئادەتتىكىچە ئېمبارگودەك تويىلىدىغان ھالغا كېلىدۇ» دېگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر