ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمى جانغا زامىن بولدى
ئافغانىستاننىڭ بەلخ ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا بىر ساقچى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
1336339
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەلخ ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى باش ئىدارىسى باياناتچىسى ئادىلشاھ ئادىلنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بەلخ ناھىيەسىنىڭ سېھجۇي رايونىدا، ساقچى ئاپتوموبىلى ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، يول چېتىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان بومبا پارتلاپ، بىر ساقچى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 7 ساقچى يارىلانغان، ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچكىم ئۆز ئۈستىگە ئالمىغان.