شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو) ئىرانغا نارازىلىق بىلدۈردى

ئىراننىڭ يادرو كۈچىنى چەكلەيدىغان كېلىشىمدىن چېكىنگەنلىكىگە قارىتا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو) مۇ ئىرانغا نارازىلىق بىلدۈردى.

1335813
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو) ئىرانغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران گېنېرالى قاسىم سۇلايمانى جۈمە كۈنى ئامېرىكانىڭ ھاۋا ھۇجۇمى ئارقىلىق ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو) غا ئەزا دۆلەتلەر ۋەزىيەتنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدە بىر يەرگە جەم بولدى.

باش كاتىپ ستولتېنبېرگ چاقىرغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو) نىڭ ئىراننىڭ يادرو كۈچكە ئايلانماسلىقى مەسىلىسىدە كېلىشم ھاسىل قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئىران ھۆكۈمىتىگە جىددىيچىلىكلەرنى تۆۋەنلىتىشنى تەۋسىيە قىلدى.

ستولتېنبېرگ يەنە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو) نىڭ ئىراقتىكى تەلىم تەربىيە خىزمەتلىرىنى ۋەزىيەت مۇناسىپ ھالغا كەلگەنگە قەدەر توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر