نېتانياھو: ئىران – ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشلەرگە ئىسرائىلىيەنى قوشۇۋالماسلىق لازىم

ئىسرائىلىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلىرى سۇلايمانىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە جاۋابەن ئىراننىڭ ئىسرائىلىيەگە ھۇجۇم قىلىش ئېھتىمالىنىڭ تۆۋەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

1335881
نېتانياھو: ئىران – ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشلەرگە ئىسرائىلىيەنى قوشۇۋالماسلىق لازىم

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بىنيامىن نېتانياھۇ ئىران ئىنقىلاپ مۇھاپىزەتچىلىرىگە قاراشلىق قۇددۇس ئارمىيەسى قوماندانى قاسىم سۇلايمانى ئۆلتۈرۈلگەن ھۇجۇمدا ئىسرائىلىيەنىڭ ھېچقانداق ھەسسەسى يوقلىقىنى، سۇڭلاشقا ئىران ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشلەرگە ئىسرائىلىيەنى قوشۇۋالماسلىق لازىملىقىنى بىلدۈردى.

ئىسرائىلىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، باش مىنىستىر نېتانياھۇ دۆلەت بىخەتەرلىك كابېنتى يىغىنى چاقىرىپ، رايون خاراكتېرلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغان.

نېتانياھۇ دۆلەت بىخەتەرلىك كابېنتىغا خىتاب قىلىپ، سۇلايمانى ئۆلتۈرۈلگەن ھۇجۇمدا ئىسرائىلىيەنىڭ ھەسسەسى يوقلىقىنى سۇڭلاشقا ئىران ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشلەرگە ئىسرائىلىيەنى قوشۇۋالماسلىق لازىملىقىنى تىلغا ئالغان.

خەۋەردە يەنە، نېتانياھۇنىڭ بۇنىڭ بەدىلىگە ئىسرائىلىيە مىنىستىرلىرىنىڭ سولايمانىنىڭ ئۆلتۈرۈلىشىگە ئالاقىدار ئامېرىكانى قوللاشنى تېخىمۇ ئالدىنقى پىلانغا چىقارغان ھالدا مەتبۇئاتلاغا بايانات بەرسە بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. 

يىغىندا ئىسرائىلىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلىرى دۆلەت بىخەتەرلىك كابېنتىغا مەلۇمات بېرىپ، سۇلايمانىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە جاۋابەن ئىراننىڭ ئىسرائىلىيەگە ھۇجۇم قىلىش ئېھتىمالىنىڭ ئىنتايىن تۆۋەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر