خىتايدا تارقالغان سىرلىق ۋابا كېسىلى 59 كىشىنىڭ جېنىنى ئالدى

خىتايدا تېخىچە سەۋەبى ئېنىقلانمىغان ۋە نەپەس يولى ئارقىلىق تېز يۇقىدىغان سىرلىق كېسەل 59 كىشىنىڭ جېنىنى ئالدى.

1335141
خىتايدا تارقالغان سىرلىق ۋابا كېسىلى 59 كىشىنىڭ جېنىنى ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ يەرلىك ساھىيە ئىدارىسى مەسئۇللىرى ۋۇخەن شەھىرىدە ئونلىغان كىشىدە بايقالغان بۇ سىرلىق يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ نەپەس يولىدىن تارقىلىشىشچانلىقى تېز «SARS» ۋەبا كېسىلى ئەمەسلىكىنى ياكى ئوتتۇرا شەرق نەپەس يولى ۋابا كېسىلى «MERS» گىمۇ ئوخشىمايدىغانلىقىنى، يۇقۇملۇق زۇكام، قۇش زۇكىمى ۋە ياكى يوقۇملۇق بەز ۋېرۇسى «adenovirus» مۇ ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى.

خوڭكوڭ مەسئۇللىرى بولسا، بۇنىڭ تارقىلىشى تېز يېڭى بىر ئـۆپكە ياللۇغى تۈرى ئىكەنلىكىنى ۋە مۇشۇ ئاي ئىچىدىلا 15 كىشىدە بايقالغانلىقىنى بىلدۈردى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، دۇنيا مىقياسىدا بۈگۈنگە قەدەر جەمئىي 8000 كىشىدە «SARS» ۋەبا كېسىلى بايقالغان ۋە بۇلاردىن 775 كىشى ئۆلگەن.

خىتايدا 2003يىلى «SARS» ۋەبا كېسىلى سەۋەبىدىنلا 349 كىشى ۋە خوڭكوڭدا 299 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر