ئەنگلىيە ئىرانلىق گېنېرال ئۆلتۈرۈلىشى بىلەن تەڭ 2 ئۇرۇش پاراخوتىنى ھۇرمۇز بوغۇزىغا يوللىدى

ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيەسىگە تەۋە «HMS Montrose» ۋە «HMS Defender» ناملىق ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ ھۇرمۇز بوغۇزىدا چارلاش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1334849
ئەنگلىيە ئىرانلىق گېنېرال ئۆلتۈرۈلىشى بىلەن تەڭ 2 ئۇرۇش پاراخوتىنى ھۇرمۇز بوغۇزىغا يوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە ئىرانلىق گېنېرال قاسىم سۇلايمانى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ھۇرمۇز بوغۇزىدىن ئۆتىدىغان ئەنگلىيە بايراقلىق پاراخوتلارغا ھەمراھ بولۇشى ئۈچۈن ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيەسىگە تەۋە ئىككى ئۇرۇش پاراخوتنى ھۇرمۇز بوغۇزىغا يوللىدى.

ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بېن ۋاللەك ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى، ئەنگلىيە پۇقرالىرى ۋە پاراخوتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن كېرەكلىك بارلىق قەدەملەرنى تاشلاشقا بۇيرۇق بېرىپ، يوللىغانلىقىنى جاكارلىدى.

مىنىستىر بېن ۋاللەك بۇ دائىرىدە، دېڭىز ئارمىيەسىگە تەۋە «HMS Montrose» ۋە «HMS Defender» ناملىق ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ قايتىدىن ھۇرمۇز بوغۇزىدا چارلاش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

مىنىستىر بېن ۋاللەك ھەر ئىككى تەرەپنى مۆتىدىلىققا چاقىرىق قىلدى ۋە ئامېرىكانىڭ قاسىم سولايمانىنى ئۆلتۈرۈشتە ھەقلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر