«ئىراقنىڭ ئامېرىكىنىڭ ھەربىي مەۋجۇدىيىتىگە خاتىمە بېرىش توغرىسىدا قارار چىقىرىش مۇمكىنچىلىكى بار»

ئىراق دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىراقتىكى ھەربىي مەۋجۇدىيىتىگە خاتىمە بېرىش توغرىسىدا قارار ماقۇللاش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى ئۇقتۇردى.

1334568
«ئىراقنىڭ ئامېرىكىنىڭ ھەربىي مەۋجۇدىيىتىگە خاتىمە بېرىش توغرىسىدا قارار چىقىرىش مۇمكىنچىلىكى بار»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق باش مىنىستىرى ئادىل ئابدۇلمەھدى باشچىلىقىدا يىغىن چاقىرغان ئىراق دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى، ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى ئارمىيەسى قۇددۇس قىسىملىرى قوماندانى گېنېرال قاسىم سۇلەيمانى ۋە ھەشدۇششەئبىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەبۇ مەھدى ئەلمۇھەندىسگە قىلىنغان ئامېرىكا ھۇجۇمىنى مۇزاكىرە قىلدى.

كېڭەش يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، سۇلەيمانى ۋە ئەلمۇھەندىسكە قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلغانلىقى ئەسكەرتىلىپ ئەيىبلەندى.

مەزكۇر ھاۋا ھۇجۇمىنىڭ ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئىراقتا تۇرۇش شەرتلىرىنىڭ سىرتىغا چىقىش دېگەنلىك بولىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان باياناتتا، بۈگۈن پارلامېنتنىڭ جىددىي يىغىنىدا بۇ مەسىلىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى ۋە «ئامېرىكىنىڭ دۆلەتتە ئەسكەر تۇرغۇزۇشىغا خاتىمە بېرىدىغان بىر قارارنىڭ چىقىرىلىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقى» بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر