ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە ئىران بىلەن قىلىنغۇسى ئۇرۇشنىڭ مالىيەسىگە ئالاقىدار قارار لايىھەسى سۇنۇلدى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ھەر ئىككى قانىتى يۇقىرى پالاتا ۋە ئاۋام پالاتاسىغا، دۆلەت مەجلىسىنىڭ رۇخسىتى بولماي تۇرۇپ، ئىران بىلەن قىلىنغۇسى بىر ئۇرۇشنى مالىيە بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەزمۇن قىلغان بىر قارار لايىھەسى سۇنۇلدى.

1334577
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە ئىران بىلەن قىلىنغۇسى ئۇرۇشنىڭ مالىيەسىگە ئالاقىدار قارار لايىھەسى سۇنۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يۇقىرى پالاتاغا دېموكراتىك قاناتنىڭ پالاتا ئەزاسى بېرنىې ساندېرس ۋە ئاۋام پالاتاغا ۋەكىل رو خاننا تەرىپىدىن سۇنۇلغان مەزكۇر لايىھەلەردە، پىرېزىدېنت دونالد ترامپ رەھبەرلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈلدى.

ترامپ رەھبەرلىكىنىڭ ئامېرىكىنى يېڭى بىر ئۇرۇشقا ئىتتىرگەنلىكى تەكىتلەنگەن لايىھەدە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ رۇخسىتى بولماي تۇرۇپ، ئىرانغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت قوزغاشقا كېتىدىغان بارلىق مالىيە مەنبەلىرىنىڭ توختىتىپ قويۇلۇشى تەلەپ قىلىندى.

ساندېرس بىلەن خاننا بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، «بۈگۈن بىزنى ئوتتۇرا شەرقتە يېڭى ۋە قورقۇنچ بىر ئۇرۇش قاينىمىغا ئىتتىرگەن ۋەقەلەرگە شاھىت بولۇۋاتىمىز. ئىران بىلەن قىلىنغۇسى بىر ئۇرۇش، سانسىز ئادەمنىڭ ئۆلۈشى ۋە تىرىليونلارچە دوللارنىڭ چىقىم قىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن بىرگە، رايون خاراكتېرلىك توقۇنۇشلارنى ۋە يۇرت – ماكانىدىن ئايرىلغان ئىنسانلارنىڭ سانىنى تېخىمۇ كۆپەيتىۋېتىدۇ. تىرىليونلارچە  دوللارنى تۈگىمەس ئۇرۇشلارغا ئەمەس، ئامېرىكا خەلقىنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن ئىشلىتىشىمىز كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر