ترامپ: ئۇرۇش باشلاش ئۈچۈن ئەمەس، ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن بۇ قەدەمنى تاشلىدۇق

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، «بىر ئۇرۇشنى باشلاش ئۈچۈن ئەمەس، (مەۋجۇت) ئۇرۇشنى توختىتىش ئۈچۈن بۇ قەدەمنى تاشلىدۇق» دېدى.

1334548
ترامپ: ئۇرۇش باشلاش ئۈچۈن ئەمەس، ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن بۇ قەدەمنى تاشلىدۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى ئارمىيەسى قۇددۇس قىسىملىرى قوماندانى گېنېرال قاسىم سۇلەيمانىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدا ئۆلتۈرۈلۈشى توغرىسىدا توختىلىپ، «بىر ئۇرۇشنى باشلاش ئۈچۈن ئەمەس، (مەۋجۇت) ئۇرۇشنى توختىتىش ئۈچۈن بۇ قەدەمنى تاشلىدۇق» دېدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ، سۇلەيمانىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى توغرىسىدا توختىلىپ، سۇلەيمانىنىڭ ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى بايرىقى ئاستىدا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان رايوندا كۆپ ساندا ئامېرىكىلىقنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنىڭ جاۋابكارى ئىكەنلكىنى، ئۇنىڭ بىر قاتار يېڭى ھۇجۇم پىلانلىرىنى تۈزگەنلىكىنى، بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مەزكۇر ھۇجۇمنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

ئىراقتىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى خاتىرىلىتىپ ئۆتكەن ترامپ، «بارلىق دىپلوماتلىرىمىزنى، خادىملىرىمىزنى ۋە ئىتتىپاقداشلىرىمىزنى قوغداش ئۈچۈن ھەرقانداق ئىشنى قىلىمىز. ئەگەر ئۇلارغا زىيان يەتكۈزسەڭلار، سىلەرنى تېپىپ يوقىتىپ تاشلايمىز. سۇلەيمانىنىڭ تېررور دەۋرى ئاخىرلاشتى. ئۇ بۇنىڭدىن بۇرۇنلا يوقىتىپ تاشلىنىشى كېرەك ئىدى، شۇنداق قىلىنغان بولسا ئىدى، كۆپ ساندا جان قۇتۇلۇپ قالغان بولاتتى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئىران خەلقىگە كۈچلۈك ھۆرمىتى بارلىقىنى بىلدۈرگەن ترامپ، «ئىراندا تۈزۈم ئۆزگەرتىشنىڭ كويىدا ئەمەسمىز. بىراق، ئىران ھاكىمىيىتىنىڭ رايوندىكى ۋاكالىتەن ئۇرۇشلىرى دەرھال توختىشى كېرەك» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر