مالايشىيا ئامېرىكىنىڭ سۇلەيمانىغا قىلغان ھۇجۇمىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى

مالايشىيا ھۆكۈمىتى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ باغداد ئايرودۇرۇمىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ، گېنېرال قاسىم سۇلەيمانى ۋە ھەشدۇششەئبىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى ئەبۇمەھدى ئەلمۇھەندىسنى ئۆلتۈرۈشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1334591
مالايشىيا ئامېرىكىنىڭ سۇلەيمانىغا قىلغان ھۇجۇمىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مالايشىيا ھۆكۈمىتى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ باغداد ئايرودۇرۇمىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ، ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى ئارمىيەسى قۇددۇس قىسىملىرى قوماندانى گېنېرال قاسىم سۇلەيمانى ۋە ھەشدۇششەئبىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى ئەبۇمەھدى ئەلمۇھەندىسنى ئۆلتۈرۈشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مالايشىيا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى رەسمىي بايانات ئېلان قىلىپ، «مالايشىيا، 2020 – يىلى 3 – يانۋاردا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ باغداد خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدىن كېيىن پەيدا بولغان ۋەزىيەتتىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلماقتا» دېدى.

رايوندىكى سۈركىلىشنىڭ پەسكۇيغا چۈشۈشى ۋە تىنچلىقنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشى ئۈچۈن بارلىق تەرەپلەر سوغۇققان بولۇشقا چاقىرىلغان باياناتتا، «مالايشىيا، چۈشىنىشمەسلىك ياكى توقۇنۇشلارنىڭ تىنچ ئۇسۇلدا، كۈچ ياكى تەھدىت سالماستىن ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن ھەرتۈرلۈك تىرىشچانلىقنىڭ كۆرسىتىلىشى كېرەكلىكىگە ئىشەنمەكتە» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر