كىم جوڭ ئۇن: دۇنيا يېقىندا يېڭى ئىستراتېگىيەلىك قوراللىرىمىزغا شاھىت بولىدۇ

شىمالىي كورېيە لىدىرى كىم جوڭئۇن، دۇنيانىڭ يېقىن كېلەچەكتە دۆلىتى ئىشلەپچىقارغان يېڭى ئىستراتېگىيەلىك قوراللارغا گۇۋاھ بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

1333406
كىم جوڭ ئۇن: دۇنيا يېقىندا يېڭى ئىستراتېگىيەلىك قوراللىرىمىزغا شاھىت بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى KCNA نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كىم جوڭئۇن، دۆلەتكە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان كورېيە ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ مەركىزىي كومىتېتى يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە ئىشەنچ مۇھىتى يارىتىش مەقسىتىدە يادرو قورالى ۋە قىتئەلەرئارا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرىنى توختىتىپ قويغانلىقلىرىنى، بىراق ۋاشىنگتون دائىرىلىرىنىڭ بۇنىڭغا جەنۇبىي كورېيە بىلەن بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزۈش ۋە پىيوڭياڭغا تېخىمۇ كۆپ ئېمبارگو يۈرگۈزۈش ئارقىلىق جاۋاب بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كورېيەنى كولدۇرلاتقانلىقىنى ئەسكەتكەن كىم جوڭئۇن، بۇنداق شارائىتتا بومبا سىناق قىلىشنى توختىتىش توغرىسىدىكى كېلىشىمگە بىر تەرەپلىمە ھالدا بويسۇنۇشلىرىنى شەرت قىلىدىغان بىر ئەھۋالنىڭ يوقلۇقىنى قەيت قىلغان.

ئۇ، شىمالىي كورېيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك قوراللارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانىنى تېخىمۇ پائال شەكىلدە ئىجرا قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، «دۇنيا يېقىن كېلەچەكتە كورېيە دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېڭى ئىستراتېگىيەلىك قورالىغا شاھىتلىق قىلىدۇ» دېگەن.

پىرېزىدېنت كىم جوڭئۇن، دۆلىتىنىڭ يادرو كۈچىنى قانچىلىك زورايتىشىنىڭ ئامېرىكىنىڭ كېلەچەكتىكى پوزىتسىيەسىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بولسا، پىيوڭياڭ لىدىرىنىڭ باياناتلىرىدىن كېيىن مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، كىم جوڭئۇن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «يادرو قوراللارنىڭ يوقىتىلىشى مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزىدىغانلىقىغا دائىر بىر كېلىشىم ئىمزالىدى. ئۇ بۇ كېلىشىمنى سىنگاپۇردا ئىمزالىدى. مەن ئۇنى ۋەدىسىدە تۇرىدۇ، دەپ ئويلايمەن. كۆرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.


خەتكۈچ: #قورال , #كورېيە

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر