ترامپ ئىرانغا تەھدىت سالدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ئىراننى بۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىكى ھەرقانداق بىر ئورۇنىغا قىلىنىدىغان ھەرقانداق بىر ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارى، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1332835
ترامپ ئىرانغا تەھدىت سالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ئىراننى بۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىكى ھەرقانداق بىر ئورۇنىغا قىلىنىدىغان بىر ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارى، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئۇنداق ئەھۋالدا (ئىران) ناھايىتى ئېغىر بەدەل تۆلەيدۇ. بۇ ئاگاھلاندۇرۇش ئەمەس، تەھدىتتۇر» دەپ ئاگاھلاندۇردى.

ئامېرىكىنىڭ باغدادتىكى ئەلچىخانىسىنىڭ بىخەتەر ئىكەنلىكىنى، كۆپ ساندا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ رايونغا يۆتكەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ترامپ، ئىراق پىرېزىدېنتى بەرھەم سالىھ بىلەن باش مىنىستىر ئادىل ئابدۇلمەھدىگە ئامېرىكىنىڭ چاقىرىقىغا تېز سۈرئەتتە ئىنكاس قايتۇرغانلىقى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتتى.

ترامپ، ئىراننى ئوچۇق – ئاشكارا ئاگاھلاندۇرۇپ، «(ئىراقتىكى) ھەرقانداق بىر ئورۇنىمىزدىكى ھەرقانداق بىر ئادەم ئۆلۈش، يارىلىنىش ياكى بۇزغۇنچىلىق سېلىش ۋەقەسىنىڭ جاۋابكارى ئىران بولىدۇ. ئۇنداق ئەھۋالدا ناھايىتى ئېغىر بەدەل تۆلەيدۇ. بۇ ئاگاھلاندۇرۇش ئەمەس، تەھدىتتۇر» دېدى.

كەتائىبۇ ھىزبۇللاھ تەشكىلاتىنىڭ ئىراقنىڭ كەركۈك رايونىدىكى بىرلەشمە قىسىمنىڭ بىر ھەربىي بازىسىغا قىلغان ھۇجۇمىدا 1 ئامېرىكا پۇقراسى جېنىدىن ئايرىلغان، 4 ئامېرىكا ئەسكىرى بىلەن 2 ئىراق ئەسكىرى يارىلانغانىدى. ۋەقەدىن كېيىن ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، كەتائىبۇ ھىزبۇللاھ تەشكىلاتىنىڭ ئىراق بىلەن سۈرىيەدىكى بەش ھەربىي نۇقتىسىنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

ئامېرىكىنىڭ ھىزبۇللاھ بىرىگاداسىنىڭ ئەنباردىكى بازىلىرىغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا 28 ئادەم جېنىدىن ئايرىلغان، 48 ئادەم يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر