سومالىدىكى بومبا ھۇجۇمىنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئەششەباب ئۆز ئۈستىگە ئالدى

سومالىنىڭ پايتەختى موگادىشۇدىكى بومبا ھۇجۇمىنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششەباب ئۆز ئۈستىگە ئالدى.

1332177
سومالىدىكى بومبا ھۇجۇمىنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئەششەباب ئۆز ئۈستىگە ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەششەباب تەشكىلاتىغا يېقىن « Somali Mimo» تور بېتىدىن ئورۇن ئالغان ۋە ئەششەباب باياناتچىسىغا ئائىت ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن ئاۋاز لېنتىسىدا، بومبا ھۇجۇمىنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئەششەباب ئۆز ئۈستىگە ئالغان.

موگادىشۇدا شەنبە كۈنى يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا، تۈركىيە پۇقراسى ئىككى كىشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 81 ئادەم قازا قىلغانىدى.

تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرلىقىمۇ ھۇجۇمدىن كېيىن يارىدارلارنىڭ داۋالىنىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەن، بۇ دائىرىدە مىللىي  داۋالاش – قۇتقۇزۇش ئەترىتى ۋە ئوپېراتسىيە خادىملىرىدىن تەشكىل تاپقان 20 كىشىلىك ئەترەت سومالىغا ئەۋەتىلگەنىدى.

ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىككى تۈركىيە پۇقراسى بىلەن يارىلانغان 16 سومالىلىق تۈركىيەگە كەلتۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر