رۇسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا قىلىنىشىغا ئالاقىدار ئەنگلىيەدىكى تالاش - تارتىش

ئەنگلىيەدە 1995 – يىلىغا تەۋە باش ۋەزىرلىق مەخپىي ھۆججەتلىرى ئارىسىدا، ئەينى چاغدىكى ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مالكولم رىفكايندنىڭ رۇسىيەنى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو)غا ئەزا قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە تەكلىپ سۇنغانلىقى ئاشكارىلاندى.

1332611
رۇسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا قىلىنىشىغا ئالاقىدار ئەنگلىيەدىكى تالاش - تارتىش

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە دۆلەتلىك ئارخىپ ئىدارىسىنىڭ بۈگۈن ئېلان قىلغان ھۆججەتلىرىگە ئاساسلانغاندا، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مالكولم رىفكايند ھۆكۈمەت ئىچىدە ئۆتكۈزۈلگەن تاشقى سىياسەت يىغىنىدا، رۇسىيەنىڭ ناتوغا قىسمەن ئەزا قىلىنىشى كېرەكلىكىگە دائىر تەكلىپىنى كۈنتەتىپكە ئېلىپ كەلگەن.

مالكولم رىفكايند قىسمەن ئەزالىق يولى ئارقىلىق ئالىي دەرىجىلىك رەھبەر يىغىنى ۋە مىنىستىرلار سەۋىيەسىدىكى يىغىنلارغا رۇسىيەنىڭ قاتنىشىشى ئۈچۈن قولايلىق يارىتىپ بېرىشنىڭ «ناتو شەرققە كېڭەيمىچىلىك قىلىدۇ» دېگەن ئەندىشىلەرنى ئازايتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

مالكولم رىفكايند يەنە، قىسمەن ئەزالىقنىڭ رۇسىيەنى 5- ماددىنىڭ شۇنداقلا ناتونىڭ خەلقئارا ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سىرتىدا تۇتىدىغانلىقىنىمۇ ئالاھىدە تەكىتلىگەن. 

مالكولم رىفكايند ئۇكرائىنا، بېلۇرۇىسيە، مولداۋا ۋە بالتىق دۆلەتلىرىنىمۇ قىسمەن ئەزالىققا قوبۇل قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى، شۇنداق بولغاندا، ئۇلارنىڭ رۇسىيەنىڭ ئوربېتىگە كىرىپ قىلىشلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەنگلىيەنىڭ ھۆججەتلىرىگە ئاساسلانغاندا، مالكولم رىفكايندنىڭ تەكلىپىگە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نارازىلىق بىلدۈرۈپ، بۇنداق قىسمەن ئەزالىق سالاھىيىتىنىڭ رۇسىيەدە بىر كۈنى ناتوغا تولۇق ئەزا بولالاشتەك خاتا ئۈمىتنىڭ پەيدا بولۇپ قىلىشىغا سەۋەپ بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشتا بولغان.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىتېرازىدا، «تۈركىيەگە ھەرگىزمۇ ئورۇنداش نىيىتى بولمىغان ۋەدىلەرنى بېرىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇبتىلا بولغان ئەھۋالنى بىزمۇ ناتو دائىرىسىدە تەكرارلىماسلىقىمىز لازىم» دېگەن ۋە بۇنىڭ چوڭ مۇقىمسىزلىق يارىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر