ب د ت ئاراكان مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئەيىبلىدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى بىرما ھۆكۈمىتىنىڭ ئاراكان مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەش نىشان قىلىنغان قارار لايىھەسىنى ماقۇللىدى.

1330912
ب د ت ئاراكان مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىدا تۈنۈگۈن ئاۋازغا قويۇلغان قارار لايىھەسىنى، 134 دۆلەت قوللاپ، 9 دۆلەت رەت قىلىپ ئاۋاز بەردى.

بىرما ھۆكۈمىتىنىڭ ئاراكان مۇسۇلمانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايوندىكى ئاز سانلىقلارغا قاراتقان تەن جازاسى، تاجاۋۇزچىلىق ۋە خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى قاتتىق تەنقىد قىلىنغان قارار لايىھەسىدە، بىرما ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىلەردە تېگىشلىك تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا چاقىرىق قىلىندى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، قانۇنىي جەھەتتىن ئىجرا قىلدۇرۇش كۈچىگە ئىگە بولمىغان قارار لايىھەسى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ، بىرما ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى مەسىلىسىگە قارىتا تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيەسى ۋە قارىشىنى ئەكس ئەتتۈرىدىكەن.

لاھېي شەھىرىگە جايلاشقان خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى تەشتىش ئىشخانىسى، ئۆتكەن ھەپتە، ئالدىنقى يىلى باشلانغان بىرما ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى سادىر قىلغان جىنايەتلىرىنى ئېنىقلاپ چىقىش خىزمەتلىرىنىڭ تاماملانغانلىقىنى، ئارقىدىنلا تەكشۈرۈش باشلانغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر