ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمى جانغا زامىن بولدى
ئافغانىستاننىڭ ئۇرۇزگان ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا 3 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
1330710
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇرۇزگان مۇئاۋىن ۋالىيسى سەيد ناسىر سەداتنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇرۇزگان ۋىلايىتىنىڭ ترىنكوت شەھىرىدە موتسىكلىتقا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان بومبىنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە 3 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان، ئۇرۇزگان ۋىلايەتلىك سەھىيە باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 3 كىشى يارىلانغان.
ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچكىم ئۆز ئۈستىگە ئالمىغان.