خىتاي ئامېرىكانىڭ ھەممىلا يېرىگە يېتىپ بارالايدىغان يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى

خىتاي ئارمىيەسى ئامېرىكانىڭ ھەممىلا يېرىگە يېتىپ بارالايدىغان «JL-3» ناملىق دېڭىز ئاستىدىن قويۇپ بېرىلىدىغان ئۇزۇن مۇساپىلىق يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى.

1330075
خىتاي ئامېرىكانىڭ ھەممىلا يېرىگە يېتىپ بارالايدىغان يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سىپۇتنىك ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋاشىنگىتون پوچتا گىزىتىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنى مەنبە كۆرسەتكەن خەۋىرىدە، باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىنغان مانىۋېرنىڭ 22دېكابىردا سېرىق دېڭىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى بوخەي قولتۇقىدا ئېلىپ بېرىلغانلىقى قەيت قىلىنغان.

خەۋەردە، ئامېرىكا كۆزەتكۈچى سۇنئىي ھەمراھلىرىنىڭ باشقۇلىدىغان بومبىنىڭ ھەرىكەتلىرىنى تەقىپ قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

مانىۋېر ھەققىدە باشقا مەلۇمات بېرىلمىدى.

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ پىنسىيەگە چىققان سابىق كاپىتانى جامېس فانېل بۇ مانىۋېرنىڭ خىتاينىڭ ئامېرىكانى يادرو تەھدىت ئاستىدا تۇتۇش نيىتىنى ئاشكارىلىغانلىقىنى ئېيتتى.

خەۋەردە، «JL-3» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ يېقىنقى ئىككى ئايدا، ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 4 قېتىم سىناق قىلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر