ئىسىرائىلىيە: ئىراننىڭ سۈرىيە بىلەن ئىراققا ئورۇنلىشىشىغا رۇخسەت قىلمايمىز

ئىسىرائىلىيە ئارمىيە ئىشتاب باشلىقى ئاۋىۋ كوخاۋ ئىراننىڭ سۈرىيە بىلەن ئىراققا ئورۇنلىشىشىغا رۇخسەت قىلمايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1329560
ئىسىرائىلىيە: ئىراننىڭ سۈرىيە بىلەن ئىراققا ئورۇنلىشىشىغا رۇخسەت قىلمايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسىرائىلىيە ئارمىيە ئىشتاب باشلىقى ئاۋىۋ كوخاۋ خېرزىليا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن كونفېرانستا سۆز قىلىپ، ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر ئارمىيەسى تارمىقىدىكى قۇددۇس كۈچىنىڭ ھەر كۈنى تەرەققىي قىلدۇرۇلغان قوراللىرىنى ئىراققا مەخپىي كىرگزۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«بۇنىڭغا رۇخسەت قىلمايمىز، ئىراننىڭ ئىراق بىلەن سۈرىيەگە ئورۇنلىشىشىغا رۇخسەت قىلمايمىز.»

ئۇ ئىسىرائىلىيە بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىش ئېھتىمالى ئۈستىدە توختىلىپ: «ئىران بىلەن چەكلىك دائىرىدە توقۇنۇش ئېھتىمالى مەۋجۇت، بۇنىڭ ئۈچۈن تەييارلىنىۋاتىمىز» دېدى.

2019-يىلى 19-ئىيۇل ئىسىرائىلىيەنىڭ «F-35» ئايروپىلانى بىلەن ئىراقنىڭ سالاھىددىن ۋىلايىتىگە جايلاشقان ئامىرلى ھەربىي بازىسىدىكى ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش سۇپىسىنى، 28-ئىيۇلدا بولسا، باغدادنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان ھەربىي بازىدىكى ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش سۇپىسى بار ئىسكىلاتنى بومباردىمان قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى. ئىسىرائىلىيە دائىرىلىرى ئەينى ۋاقىتتا، بۇنىڭغا ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىغان ئىدى.

ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇ 2019-يىلى ئاۋغۇست ئېيىدا ئۇكرائىنا پايتەختى كىيېۋدە بايانات ئېلان قىلغاندا: «ئىراننىڭ ئىراقتىكى ھەربىي نۇقتىلىرىنىڭ ئىيۇل ئېيىدا ئىسىرائىلىيە ئايروپىلانلىرى تەرىپىدىن بومباردىمان قىلىنغانلىقىدىن» بېشارەت بەرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر