ئامېرىكادا بىر بانكا بۇلاڭچىسى بۇلىغان پۇللارنى خەلققە چاچتى

ئامېرىكانىڭ كولورادو ئىشتاتىدا بىر بانكا بۇلاڭچىسى بۇلىغان پۇللارنى «روژدېستۋا بايرىمىڭلار مۇبارەك بولسۇن» دەپ توۋلىغانخە بانكىنىڭ ئالدىدىلا ھاۋاغا چاچتى.

1329341
ئامېرىكادا بىر بانكا بۇلاڭچىسى بۇلىغان پۇللارنى خەلققە چاچتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەرلىك مەتبۇئاتلارنىڭ خەۋەرلىرىدە، ئاق ساقاللىق، 65 ياش ئەتراپىدىكى داۋىد ۋاينې ئولۋېرنىڭ بانكىدىن بۇلىغان پۇللاردىن تەخمىنەن 10 مىڭ دوللارنى يولدىن ئۆتۈۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئۈستىگە چاچقانلىقىنى يازدى.

بانكا بۇلاش جەريانىدا بانكا خادىملىرىغا قورال بىلەن تەھدىت سالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولسىمۇ، بىراق ساقچىلار قورال ئىشلەتكەنلىكىگە دائىر ھېچقانداق ئىز بايقالمىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

نەخ مەيداننى كۆرگەن شاھىدلار ئولىۋېرنىڭ بانكىدىن چېقىپلا خالىتىدىن چىقارغان پۇللارنى ھاۋاغا چېچىپ، «روژدېستۋا بايرىمىڭلار مۇبارەك بولسۇن!» دەپ توۋلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يولدىن ئۆتكەن كىشىلەرنىڭ بولسا، توپلىغان پۇللارنى بانكىغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئولىۋېرنىڭ ۋەقەدىن كېيىن بانكىغا يېقىن جايدىكى بىر قەھۋاخانىدا ئولتۇرۇپ، ساقچىلارنىڭ تۇتۇپ كېتىشىنى ساقىلغانلىقى ۋە ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا كەلگەن ساقچىلار تەرىپىدىن نارازەتكە ئېلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى. 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر