ئافغانىستاندا تالىباننىڭ ھۇجۇمىدا نۇرغۇن ئەسكەر ئۆلدى

ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى بەلخ  ۋىلايىتىدە تالىبان ئەزالىرنىڭ بىر قاراۋۇلخانىغا ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە 7 ئەسكەر ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1328945
ئافغانىستاندا تالىباننىڭ ھۇجۇمىدا نۇرغۇن ئەسكەر ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تالىبان ئەزالىرى بەلخ ۋىلايىتىنىڭ دۆلەتئاباد ناھىيەسى ھىلى گېلى يېزىسىدىكى بىر ھەربىي قاراۋۇلخانىغا ھۇجۇم قىلغان، ھۇجۇمدا 7 ئەسكەر ھاياتىدىن ئايرىلغان، 6 سى يارىلانغان.

شاھىتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 10 دىن ئارتۇق ئىكەن.

تالىبان بولسا ھۇجۇمدا 20 ئەسكەرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر