ئسېپېر: تۈركىيە ئامېرىكىنىڭ ناتودىكى مۇھىم ئىتتىپاقدىشى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مارك ئېسپېر تۈركىيەنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى مۇھىم ئىتتىپاقدىشى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1327200
ئسېپېر: تۈركىيە ئامېرىكىنىڭ ناتودىكى مۇھىم ئىتتىپاقدىشى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېسپېر ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال مارك مىللېي بىلەن بىرلىكتە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدا ئۆتكۈزگەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: «تۈركىيە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان دۆلىتىمىزنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى مۇھىم ئىتتىپاقدىشى بولىدۇ. تۈركىيە كورېىيەدىن ئافغانىستانغىچە بولغان بارلىق ئۇرۇشلاردا بىز بىلەن بىرلىكتە ئۇرۇش قىلدى. تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاقار بىلەن داۋاملىق ئۇچۇر - ئالاقە قىلىپ تۇرۇۋاتىمەن. ئادانادىكى <ئىنجىرلىك ھەربىي بازىسى> ھەققىدە تاراتقۇلاردا ئوتتۇرىغا چىققان باياناتلارغا كەلسەك، بۇ باياناتلارنى ئېلان قىلغان تۈركىيە دائىرىلىرىنىڭ جىددىي ياكى ئەمەسلىكى توغرۇلۇق ئۇلار بىلەن بىۋاسىتە سۆھبەت ئېلىپ بېرىشىمغا توغرا كېلىدۇ. بىزنىڭ قارىشىمىز شۇكى، تۈركىيەنى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇشىمىز لازىم. چۈنكى قۇدرەتلىك ئارمىيەگە ئىگە تۈركىيە بىزنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئىتتىپاقدىشىمىزدۇر.»

ئۇ، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ سۈرىيەدە قاچانغىچە قالىدىغانلىقىغا ئالاقىدار سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سۈرىيەدىكى نىشانىنىڭ، دائېشنىڭ دۆلەتتىكى يەرلىك كۈچلەر تەرىپىدىن كونتىرول قىلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ھەمدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ باشقا ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ بۇ نىشانغا ھەسسە قوشۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر