ترامپ بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى نىشان قىلىدىغان قارار لايىھەسىنى ماقۇللىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ سۈرىيەدىكى ئۇرۇش جىنايەتلىرى سەۋەبلىك بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەن چەت ئەللىك ياللانما ئەسكەرلەرگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى نىشان قىلىدىغان قارار لايىھەسىنى ماقۇللىدى.

1327328
ترامپ بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى نىشان قىلىدىغان قارار لايىھەسىنى ماقۇللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ 2020 – يىللىق دۆلەت مۇداپىئەسى خامچوتىغا ئىلاۋە قىلىنغان مەزكۇر قارار لايىھەسى، «پۇقراۋى قەتلىئام يۈرگۈزۈلۈشكە سەۋەب بولغان بەششار ئەسەد» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىيلەر ھەم پۇقراۋى ئەمەلدارلاردىن سىرت يەنە،، رۇسىيە ۋە ئىران مەنبەلىك چەت ئەللىك ياللانما ئەسكەرلەرگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى نىشان قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سۈرىيە مەركەز بانكىسى، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە باشقا پۇل – مۇئامىلە مەنبەلىرىگە، ھەمدە ئۇلار بىلەن ھەمكارلاشقان چەت ئەللىكلەر ۋە چەت ئەل تەشكىلاتلىرىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى نىشان قىلىدۇ.

قارار لايىھەسىدە،  بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە ياردەم بەرگەنلىكى  ئۈچۈن رۇسىيە بىلەن ئىرانغىمۇ ئېمبارگو يۈرگۈزۈلۈش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقى تەكىتلەنگەن.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا مۇنداق دېدى: «پىرېزىدېنت ترامپنىڭ بۇ قارار لايىھەسىنى ئىمزالاش ئارقىلىق  بەششار ئەسەد ۋە ھۆكۈمىتىنى سۈرىيەدە يۈرگۈزگەن قەتلىئاملاردىن جاۋابكارلىققا تارتىش يولىدا مۇھىم بىر قەدەم تاشلىدى. بۇ قارار لايىھەسى پەقەت بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى نىشان قىلىپلا قالماستىن، يەنە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان باشقا ئۇنسۇرلارغىمۇ ئوچۇق - ئاشكارا سىگنال بېرىشنى مەزمۇن قىلىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر