فىرانسىيەدە نامايىشلارنى داۋاملاشتۇرۇشقا چاقىرىق قىلىندى

فىرانسىيەدىكى ئەڭ مۇھىم ئۇيۇشمىلاردىن بىرى بولغان ئاممىۋى خىزمەتلەر كونفېدېراتسىيەسى كەڭ خەلق ئاممىسىنى 9 – يانۋار كۈنى قايتىدىن نامايىش ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى.

1326819
فىرانسىيەدە نامايىشلارنى داۋاملاشتۇرۇشقا چاقىرىق قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاممىۋى خىزمەتلەر كونفېدېراتسىيەسى باش كاتىپى پلىففې مارتىنېز، باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسىدە ھەرقايسى ئۇيۇشمىلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن باش مىنىستىر ئېدۋارد پىلىېففې ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتكە قاتناشتى، ھەمدە بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، پىنسىيۇنېرلىق ئىسلاھاتى مەسىلىسىدە ھۆكۈمەت بىلەن تېخىچە كېلىشىم ھاسىل قىلىنالمىغانلىقىنى، باش مىنىستىرنىڭ كوچىلاردىكى ئەھۋاللارغا كۆڭۈل بۆلمەيۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنى 9 – يانۋار كۈنى قايتىدىن نامايىش ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى.

ئىگىلىنىشىچە، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون بىلەن ھۆكۈمەت تەرەپ پىنسىيۇنېرلىق ئقىسلاھاتىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرسە، ئۇيۇشمىلار بۇ پىلاندىن ۋاز كېچىلىشىنى تەلەپ قىلماقتا ئىكەن. بۇ ھەقتە ئۆتكۈزۈلگەن بىر راي سىناش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، فىرانسىيەلىكلەرنىڭ % 57 تى بۇ پىلانغا قارشى ئىكەن. بۇ پىلانغا قارشى 5 – دېكابىر كۈنى باشلانغان ئىش تاشلاش سەۋەبىدىن ئاممىۋى، سەھىيە ۋە قاتناش مۇلازىمەتلىرىدە جىددىي ئاقساش كۆرۈلۈۋاتقان بولۇپ، شۇ سەۋەبتىن، پۇقرالار زىيانغا ئۇچرىماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر