ئامېرىكا: ئەرمەنى دەۋالىرىغا ئالاقىدار پوزىتسىيەمىزدە ئۆزگىرىش يوق
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مورگان ئورتاگۇس، ئۆتكەن ھەپتە يۇقىرى پالاتادا قوبۇل قىلىنغان 1915 – يىل ئەرمەن ۋەقەلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىشنى مەزمۇن قىلغان قارار لايىھەسىگە قوشۇلمايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مورگان ئورتاگۇس يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «ھۆكۈمەتنىڭ (1915 – يىل ۋەقەلىرىگە دائىر) پوزىتسىيەسى ئۆزگەرمىدى. بۇ جەھەتتىكى قارىشىمىز ئۆتكەن ئاپرېل ئېيىدا پىرېزىدېنت (دونالد ترامپ)نىڭ روشەن باياناتىدا ئەكس ئەتتۈرۈلگىنىگە ئوخشاشتۇر» دېدى.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، 24 – ئاپرېلدا 1915 – يىل ئەرمەن ۋەقەلىرىنىڭ خاتىرە كۈنىدە يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «بۈيۈك پالاكەت» دېگەن ئىبارىنى ئىشلەتكەن، ئاتالمىش «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەۋالىرىنى ياقلايدىغان سۆزلەرنى قىلمىغانىدى.
29 – ئۆكتەبىردە ئاۋام پالاتا ئومۇمىي كېڭىشىدە ئۆتكۈزۈلگەن بېلەت تاشلاشتا، ئەرمەن ۋەقەلىرىنى ئېتىراپ قىلىشنى مەزمۇن قىلغان بىر قارار قوبۇل قىلىنغانىدى. تۈركىيە بولسا قارارغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، مەزكۇر قەدەملەرنىڭ «ئىناۋەتسىز» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەنىدى.