رۇسىيە دۆلەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرماقتا

رۇسىيە دۆلەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

1325455
رۇسىيە دۆلەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بىلدۈرۈشىچە، پايتەخت موسكۋانىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان كالۇگا رايونىغا يارس ناملىق باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

باياناتتا، مەزكۇر بومبىنىڭ يادرو ئوق بېشى توشۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى قەيت قىلىندى.

رۇسىيە، 1959 – يىلى 17 – دېكابىردا قۇرۇلغان ئىستراتېگىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا كۈچلىرىنى خاتىرىلەش كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈنۈگۈن ئاستراخان رايونىدىكى «كاپۇستىن يار قارىغا ئېلىش مەركىزى» دىن يارس ناملىق بىر باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى قويۇپ بەرگەنلىكىنى؛ بومبىنىڭ 60 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى نىشاننى ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلغانىلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىنىڭ 2020 – يىلىمۇ داۋاملاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى؛ 2021 – يىلىغىچە ھەربىي رايونلارنىڭ يېرىمىغا يارس ناملىق باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر