جونسون پارلامېنتقا خىتاب قىلدى

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسون مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي سايلامدىن كېيىن شەكىللەنگەن پارلامېنتقا تۇنجى قېتىم خىتاب قىلدى.

1325649
جونسون پارلامېنتقا خىتاب قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ 650 ئورۇندۇقلۇق تۆۋەن قانىتى ئاۋام پالاتاسىغا 365 پارلامېنت ئەزاسىنى كىرگۈزەلىگەن جونسون، خىتابىدا مۇنداق دېدى: «سىلەر قانداق ئويلاۋاتىسىلەر، بىلمەيمەن، بۇ يەردە بولمىغانلارغىمۇ بىھۆرمەتلىك قىلىشنى خالىمايمەن، ئەمما مېنىڭچە بۇ پارلامېنت ئالدىنقىسىغا قارىغاندا نەچچە ھەسسە ياخشى. پارلامېنتىمىز جۈمە كۈنى دۆلىتىمىزنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشىغا ئالاقىدار قانۇن لايىھەسى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدۇ. ئىشىنىمەنكى، خەلقىمىزنىڭ پارلامېنتى بولغان بۇ يېڭى پارلامېنتىمىز ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش نىشانىمىزنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. ئاندىن نۆۋەت، سەھىيە سىستېمىسى، مائارىپ، بىخەتەرلىك قاتارلىق خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش يولىدا قەدەم تاشلاشقا كېلىدۇ.»

شوتلاندىيە رايونلۇق ھۆكۈمىتىدىن كەلگەن يېڭى مۇستەقىللىق خەلق رايىنى سىناش  تەلەپلىرى توغرىلىقمۇ توختالغان جونسون، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «مەنمۇ، بۇ پارلامېنتنىڭ شان – شەرەپلىك ئەزالىرىمۇ شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىدۇكى، دۆلىتىمىزنى پارچىلاش چاقىرىقلىرىغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز. ئېسىل پەزىلىتىمىز ۋە ھۆرمىتىمىزنى چۆرىدىگەن ھالدا  ھەمكارلىق سېپىنى  تېخىمۇ مۇستەھكەملەش ۋە بىرلىكىمىزنى قوغداش پارلامېنتىمىزنىڭ مەڭگۈ باش تارتالمايدىغان مۇقەددەس بۇرچىدۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر