گۇتېررس كىلىمات مەسىلىسىدە خەلقئارانى تەنقىد قىلدى

ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررس ئىسپانىيە پايتەختى مادرىدتىكى «ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىشى تەرەپلەر كونفېرانسى» (COP25) نەتىجىلىرىنىڭ، كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1323932
گۇتېررس كىلىمات مەسىلىسىدە خەلقئارانى تەنقىد قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررس يازما بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارالىق جەمئىيەتلەرنى كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ تەسىرىنى ئازايتىش، ماسلىشىش ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن يېتەرلىك دەرىجىدە تېگىشلىك ئىقتىساد چىقىرىشنى خالىماسلىق بىلەن تەنقىد قىلدى.

ئۇ 2050-يىلىغىچە ئىلىم-پەننىڭ تەلىپى بويىچە، كاربون قويۇپ بېرىش نىسبىتىنى 0 گە چۈشۈرۈش ۋە يەر شارىنىڭ ئىسسىشىنى 1.5 گىرادۇستا كونترول قىلىش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن بارلىق دۆلەتلەرنىڭ بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرۇشى مەسىلىسىدە قەتئىي ئىرادە بىلەن خىزمەت قىلىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئىسپانىيە پايتەختى مادرىد ساھىبخانلىق قىلغان «ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىشى تەرەپلەر كونفېرانسى» نىڭ ئىككى كۈن ئۇزارتىلغان خىتابنامىسى، تۈنۈگۈن (15-دېكابىر) تەلەپلەرگە جاۋاب بەرمىگەن قارارلار بىلەن ئېلان قىلىندى.

كونفېرانسنىڭ خىتابنامىسى، كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنىنىڭ 25 يىللىق ئۆتمۈشىدە ئەڭ ئۇزۇن ۋاقىتتا چىقىرىلغان خىتابنامە بولۇپ تارىخقا يېزىلدى.

كېلىمات ئۆزگىرىشىگە قارشى تۇرۇشتا مىللىي مەنپەئەتلىرى توغرىسىدا ئوخشىمىغان پىكىر ئوخشىماسلىقلىرى بولغان دۆلەتلەر، كاربو قويۇپ بېرىش مىقدارىنىڭ تارقىتىلىشى، مۇھىتنىڭ بىر پۈتۈنلىشىشى ۋە ئىقتىساد ئاجرىتىش مەسىلىلىرىدىكى پىكىر ئىختىلاپلىرىنى ھەل قىلالمىدى.

ب د ت 26-نۆۋەتلىك كىلىمات ئۆزگىرىشى تەرەپلەر كونفېرانسى كېلەر يىلى شوتلاندىيەنىڭ گلاسگوۋ (Glasgow) شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر