ئامېرىكا سۈرىيەدىكى نېفىتلىكلەرگە زاپاس كۈچ ئەۋەتتى

ئامېرىكا ئارمىيەسى، سۈرىيەنىڭ ھاسەكە ۋە دەيرۇززۇر ۋىلايەتلىرىنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ / پ ك ك نىڭ ئىشغالى ئاستىدىكى نېفىتلىكلەردىكى ھەربىي بازا ۋە ھەربىي ئورۇنلارغا ئىراق ئارقىلىق زاپاس قىسىم ئەۋەتتى.

1323464
ئامېرىكا سۈرىيەدىكى نېفىتلىكلەرگە زاپاس كۈچ ئەۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دەيرۇززۇردىكى مەھەللىي مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىكى ھەربىي بازىلىرىدا تۇرۇۋاتقان بىر قىسىم ئەسكەرلىرى تۈنۈگۈن كېچە ئەلۋەلىد چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق ھاسەكەنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان دەيرۇززۇردىكى نېفىتلىكلەرگە يېتىپ كەلگەن.

ئانادولۇ ئاگېنتلىقى قولغا چۈشۈرگەن كۆرۈنۈشلەردە، كارۋاندىكى 100 يۈك ئاپتوموبىلىغا ھەربىي پىكاپلار، جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىللىرى، مىنىبۇسلار ۋە يېقىلغۇ يۆتكەش ماشىنىلىرى بېىسلغان.

ئامېرىكا ئارمىيەسى، 4-، 5 – دېكابىر كۈنلىرىمۇ ئەلۋەلىد ۋە سىمالكا چېگرا ئېغىزلىرىدىن پايدىلىنىپ نېفىت يۆتكىگۈچى ئوق ئۆتمەس ئاپتوموبىللار، پىكاپلار، قۇرۇلۇش ماشىنىلىرى ۋە ئۈستى يېپىۋېتىلگەن 150 يۈك ئاپتوموبىلنى دەيرۇززۇردىكى نېفىتلىكلەرگە ئەۋەتكەنىدى.

سۈرىيەدىكى نېفىتلىكلەردە ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلىۋاتقان ئامېرىكا ئارمىيەسى، تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتىدىن كېيىن ي پ گ / پ ك ك نىڭ ئىشغالى ئاستىدىكى رايونلارغا 500 يۈك ماشىنىسىغا يېقىن ھەربىي ۋە ئارقا سەپ ئەشياسى يۆتكىگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر