گرامام: ترامپنى ۋەزىپىدىن يىراقلاشتۇرۇش ئۇرۇنۇشلىرى پارتىزانلارچە قىلىنىۋاتقان بىر بىمەنىلىكتۇر

ئامېرىكىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر قانىتىنىڭ پالاتا ئەزاسى لېندسېي گراھام، پىرېزىدېنت دونالد ترامپنى ۋەزىپىدىن يىراقلاشتۇرۇش يولىدىكى تىرىشچانلىقلارنىڭ پارتىزانلارچە قىلىنىۋاتقان بىمەنىلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1323474
گرامام: ترامپنى ۋەزىپىدىن يىراقلاشتۇرۇش ئۇرۇنۇشلىرى پارتىزانلارچە قىلىنىۋاتقان بىر بىمەنىلىكتۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لېندسېي گراھام قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا چاقىرىلغان «19 – نۆۋەتلىك دوھا مۇنبىرى» جەريانىدا بىر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنى ۋەزىپىدىن يىراقلاشتۇرۇش يولىدىكى تىرىشچانلىقلار توغرىسدىكى سوئالىغا جاۋاب بەردى.

ترامپنى ۋەزىپىدىن يىراقلاشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشنىڭ ئاۋام پالاتادا ماقۇللانغاندىن كېيىن يۇقىرى پالاتاغا كېلىدىغانلىقىنى خاتىرىلەتكەن گراھام، «پالاتاغا كېلەر – كەلمەي تېزلا تۈگىشى ۋە سۈرئەت بىلەن ئاخىرلىشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن قولۇمدىن كېلىشىچە تىرىشىمەن» دېدى.

ترامپنى ۋەزىپىدىن يىراقلاشتۇرۇش يولىدىكى تىرىشچانلىقلارغا پارتىزانلارچە قىلىنىۋاتقان بىر بىمەنىلىك دەپ باھا بەرگەن ۋە پالاتا يانۋار ئېيىنىڭ ئوتتۇرلىرىدا كېلىشىنڭ مۇمنلىكىنى قەيت قىلغان گراھام، «پىرېزىدېنت ترامپنىڭ بۇ مۇساپىدىن تېخىمۇ كۈچلۈك شەكىلدە چىقىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى.

يەنە بىر تەرەپتىن ترامپ توغرىسىدىكى دەتالاشلارغا قارشى چىققان دېموكراتچىلار قانىتىنىڭ پالاتا ئەزاسى جېف ۋان درېۋنىڭ پارتىيەسىدىن ئايرىلىپ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىگە قېتىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر