فىلىپپىننىڭ مىداناۋ ئارىلىدا 6.8 بال يەر تەۋرىدى

ئامېرىكا گېئولوگىيەلىك چارلاش ئىدارىسى، فىلىپپىننىڭ سۇر رايونىغا قاراشلىق ماگسايساي بازىرىنىڭ 5 كىلومېتىر شەرقىي جەنۇبىغا توغرا كېلىدىغان جايدا 6.8 بال يەر تەۋرىگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

1323499
فىلىپپىننىڭ مىداناۋ ئارىلىدا 6.8 بال يەر تەۋرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا گېئولوگىيەلىك چارلاش ئىدارىسى بايانات بېرىپ، مەركىزىي نۇقتىسى سۇر رايونىغا قاراشلىق ماگسايساي بازىرىنىڭ 5 كىلومېتىر شەرقىي جەنۇبىغا توغرا كېلىدىغان جايدا مەيدانغا كەلگەن 6.8 بال يەر تەۋرەشنىڭ تەۋرەش چوڭقۇرلۇقىنىڭ 28.2 كىلومېتىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

يەر تەۋرەشتىن كېيىن دېڭىز بورىنى ئاگاھلاندۇرۇشى بېرىلمىدى، شۇنداقلا يەر تەۋرەشتە ئادەم ئۆلۈش ياكى ماددىي زىيان كۆرۈلۈپ – كۆرۈلمىگەنلىكى توغرىسىدىمۇ ھازىرچە ھېچقانداق ئۇچۇر يوق.

فىلىپپىننىڭ مىداناۋ ئارىلىدا 29 ۋە 31 – ئۆكتەبىر كۈنلىرى مەيدانغا كەلگەن 6.6 ۋە 6.5 بال ئېغىرلىقتىكى يەر تەۋرەشلەردە داۋاۋ دېل سۇر، كوتاباتو ۋە سۇلتان قۇدارات رايونلىرىدا 23 ئادەم جېنىدىن ئايرىلغان، 417 ئادەم يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر